ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ياش قىز-يىگىتلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى دەنھاگ شەھىرىدە باشلاندى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ياش قىز-يىگىتلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى دەنھاگ شەھىرىدە باشلاندى

 ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ياش قىز-يىگىتلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى دەنھاگ شەھىرىدە باشلاندى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى تور بېتىدىن ئېلىندى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى13-مارت

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ياش قىز -ئوغۇللىرىنى مىللىي مۇجادىلە بىلىملىرى ۋە دېموكراتىك كۈرەش قوراللىرى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 11- مارت گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدىكى« مەركۇرى» مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا لاگېر شاھىدلىرىمىزدىن قەھرىمان خانىملىرىمىز قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار خاتىۋاجى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم، ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيەدىكى ۋە بېلگىيەدىكى ئەلچىخانا خادىملىرى، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئابدۇراھمان ئابدۇلاھ، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى، «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى » دىرېكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، «چېخ ئۆزبېك مەدەنىيەت جەمئىي» ۋە «ئوكتاگۇن فىكىر جەمئىيىتى» خادىملىرىدىن دىنارا خانىم ۋە ئۇلۇغبەگ ئەپەندىلەر، پىراگادىكى ئىنسان ھەقلىرى سۇپىسىدىن Iveta خانىم، گوللاندىيە « Milliy Görüsh»  تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن  Mustafa Hamurcu ۋە Kenan Arslan ئەپەندىلەر، «بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» رەئىسى ئابدۇللام ۋە «گوللاندىيە كىشىلىك ھوقۇق پروجەكتى» خادىمى ئەنۋەر مەمەت، ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ياش خانىم -قىزلار، يىگىتلەر بولۇپ كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشتى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

رۇفىنا مەردان: مېنىڭ خەلقىم زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ

يە مارت 13 , 2022
فىرانسىيەدىكى داڭلىق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان «دۇنيا» گېزىتى Le monde نىڭ باشقۇرۇشىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇق ژۇرنىلى Le Monde des ados نىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا «مېنىڭ خەلقىم زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدا باش بەت ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان 16 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى رۇفىنانىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان خىتاي زۇلۇمى قىسقىچە چۈشەندۈرۈلدى

You May Like