قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتى نەبىجان تۇرسۇنغا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات تۆھپىسى ئۈچۈن « ساخاۋەت» مېدالى تەقدىم قىلدى

قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتى نەبىجان تۇرسۇنغا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات تۆھپىسى ئۈچۈن « ساخاۋەت» مېدالى تەقدىم قىلدى

 قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتى نەبىجان تۇرسۇنغا  ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات تۆھپىسى ئۈچۈن « ساخاۋەت» مېدالى تەقدىم قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 27-ئاپرېل

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتى ھېسابلىنىدىغان « قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى» رەھبەرلىك ھەيئىتى 24- ئاپرېل كۈنى ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر تارىخچىسى دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر تارىخى  ۋە  ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتلىرى ۋە ئۇنىڭ تىكلەشكە قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ « ساخاۋەت» مېدالى بېرىشنى قارار قىلغان.

مۇكاپات بېرىش نەق مەيدانىدا   مەزكۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىنىڭ رەئىسى، قازاقىستاندىكى چوڭ« MetalPromGroup» شىركىتىنىڭ ساھىبى  دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل ئەپەندى  ئۆزلىرىنىڭ بۇ مۇكاپاتنى نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  تارىخىنى يېزىشقا قوشقان تۆھپىسى ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش شۇنىڭدەك ئۇنىڭ 60 ياشقا كىرگەنلىكىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن تەقدىم قىلغانلىقىنى شەرھلىگەن.

مۇراسىمدا  سۆز قىلغان دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل ئەپەندى:«  قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىمىز  ۋە ئالىملار كېڭىشى  نەبىجان تۇرسۇنغا ئالىي ساخاۋەت مېدالىنى بېرىپ تاقاشنى قارار قىلدۇق، مېدالنى ئالىملار كېڭىشى رەئىسى مەسىمجان ئاكا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالدى.  نەبىجان ئاكىمىز   ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر،  ئۇ  ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ تارىخىنى كۆپ يازدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېخىمۇ چوڭ-چوڭ ئەسەرلەرنى يېزىشىنى، سالامەتلىك ۋە ئىجادىي ئۇتۇقلارنى  تىلەيمىز» دەپ تەكىتلىدى.

 مېدالنى نەبىجان تۇرسۇنغا ۋاكالىتەن  تاپشۇرۇپ ئالغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى  ئالىملار كېڭىشى رەئىسى، بىئولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئاكادېمىك  مەسىمجان ۋېلەموف:« نەبىجان تۇرسۇن بىزنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  كۆرۈنەرلىك ئالىمىمىز ۋە تارىخچىمىز، ئۇ 13 توملۇق  ئۇيغۇر تارىخى كىتابىنى يېزىپ   تارقىتىشقا باشلىدى، قازاقىستاندا 3 تومى كىرىل يېزىقىدا چىقىپ خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى تىكلەش ۋە خەلققە تارقىتىشقا قوشقان تۆھپىسى ئالاھىدىدۇر، ئەنە شۇ يۈزىسىدىن  ئۇ بۇ مەزكۇر  ساخاۋەت مېدالى بىلەن تەقدىرلەندى» دېدى.

بۇ، دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى ۋە ئىلمىي ئىجادىي ھاياتىنى  چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تۇنجى قېتىم « مېدال» بېرىش ئۇسۇلى بىلەن تەقدىرلىشى ھېسابلىنىدۇ.

نەبىجان تۇرسۇننىڭ « ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ ھازىرغىچە  ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا 7 تومى، كىرىل يېزىقىدا ئالمۇتادا 3 تومى چىقىپ بولۇپ كەڭ ئوقۇرمەنلەر، بولۇپمۇ ئۆز مىللىي تارىخىنى ئۆگەنگۈچى ۋە قەدىرلىگۈچىلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە  زىيالىيلارنىڭ  قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى. 

 ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە  2001-يىلىدىن بۇيان مۇخبىر ۋە مۇھەررىر، 2009-يىلىدىن بۇيان ئالىي مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى  ئاتقۇرۇپ كېلىۋاتقان، 1995-يىلى موسكۋادىكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئۇيغۇر تارىخى  دىسسېرتاتسىيە يېزىپ، تارىخ بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان نەبىجان تۇرسۇن ھازىرغىچە 13 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» دىن باشقا يەنە  ئىنگلىزچە، رۇسچە  نەشر قىلىنغان 6 كىتابنىڭ ۋە بىر قىسىم ئېل-كىتابلارنىڭ شۇنىڭدەك يەنە    ئۇيغۇر، ئىنگلىز، تۈرك، قىرغىز قاتارلىق تىللاردىكى 300 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىنىڭ ھەم « موسكۋا خىياللىرى»، « قانغا بويالغان تاغ» قاتارلىق بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورىدۇر

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

ئىچكى جېدەل: سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت پەنس تىرامپقا قارشى گۇۋاھلىق بېرىش تەكشۈرۈش يېغىنغا قاتناشتى

جۈ ئاپرېل 28 , 2023
ئىچكى جېدەل: سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت پەنس تىرامپقا قارشى گۇۋاھلىق بېرىش تەكشۈرۈش يېغىنغا قاتناشتى

You May Like