ئىچكى جېدەل: سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت پەنس تىرامپقا قارشى گۇۋاھلىق بېرىش تەكشۈرۈش يېغىنغا قاتناشتى

ئىچكى جېدەل: سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت پەنس تىرامپقا قارشى گۇۋاھلىق بېرىش تەكشۈرۈش يېغىنغا قاتناشتى

 ئىچكى جېدەل: سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت پەنس تىرامپقا قارشى گۇۋاھلىق بېرىش تەكشۈرۈش يېغىنغا قاتناشتى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 28-ئاپرېل

ئامېرىكا NBC خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 27-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى مايىك پەنس ئۆزىنىڭ سابىق باشلىقى تىرامپقا قارشى گۇۋاھلىق بېرىش، تەكشۈرۈش يېغىنىغا قاتناشتى. مەزكۇر گۇۋاھلىق يېغىنى ئالىي زاسېداتىللار ئۆمىكى تەرىپىدىن ئىلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى سابىق پرېزىدېنت ترامپنىڭ  2020-يىللىق ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتتۇرىۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماستىن، 6-يانۋار دۆلەت مەجلىسىگە باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەسىدىكى كۈشكۈرتۈش رولىنى تەكشۈرىدۇ.

تىرامپ سايلامدا ئۇتتۇرىۋەتكەندىن كېيىن سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمىغان. تىرامپ شۇ كۈنى نۇتۇق سۆزلەپ، قوللىغۇچىلىرىنى ئۆزى ئۈچۈن چوڭ ھەرىكەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان. نەتىجىدە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى دۆلەت مەجلىسىگە باستۇرۇپ كىرىپ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان، بۇ ۋەقەدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان.

 ئەسلىدە ئامېرىكا ئاساسى قانۇنى بويىچە ھوقۇق تىنچ ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى . تىرامپ  قالايمىقانچىلىق سەۋەبىنى پەنسگە دۆڭگەپ قويغان.

سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت پەنس  تىرامپنىڭ ئۇتتۇرىۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن تىرامپ ئۇنى تەنقىد قىلغان. شۇنىڭ بىلەن تىرامپنىڭ  ئەسەبى قوللىغۇچىلىرى  6-يانۋار كۈنى دۆلەت مەجلىسىگە باستۇرۇپ كىرگەندە، « پەنسنى دارغا ئېسىڭلار، ئۆلتۈرۈڭلار » دەپ توۋلىغان. پەنس ئۇ كۈننى « ئەڭ  قاباھەتلىك كۈن» دەپ تەسۋىرلىگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قىسقا خەۋەر:زىلنىسكى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفونلاشتى

جۈ ئاپرېل 28 , 2023
قىسقا خەۋەر:زىلنىسكى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفونلاشتى

You May Like