گېئورگ فلويېدنىڭ قاتىلى جازاغا تارتىلدى ، ئىماممەمەت ئەلىنىڭ قاچان؟

گېئورگ فلويېدنىڭ قاتىلى جازاغا تارتىلدى ، ئىماممەمەت ئەلىنىڭ قاچان؟

 گېئورگ فلويېدنىڭ قاتىلى جازاغا تارتىلدى ، ئىماممەمەت ئەلىنىڭ قاچان؟ 

خىتاينىڭ  كەپلىشىش رېئاكسىيەسى (whataboutism)گە جاۋاب     
                          
(بۈگۈن «زىمىستان» تورىدا ئېلان قىلىنغان مۇشۇ تېمىدىكى ماقالىنىڭ قىسقارتىلما تەرجىمىسى) 

كۆك بايراق 
  
«كەپلەشكەندە» قارشى تەرەپتىن قۇسۇر ئىزدەپ  ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇش  (Whataboutism) ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ  ۋاز كېچەلمەس بىر قالقىنى. رۇسىيەنى قويۇپ تۇرۇپ خىتاي ئۈستىدە توختىلىمەن.

ئۆتكەن ئاينىڭ 22 ‏-كۈنى ئېچىلغان ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي باياناتچى شۇ گۈيشاڭ ئامېرىكىغا مۇنداق سوئال قويدى: « داۋاملىق باشقىلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات چىقىرىسىلەر، نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ سىلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىڭلار ھەققىدىكى شىكايەتلىرىگە قۇلاق سالمايسىلەر؟!»  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىيچىمۇ ، ئالياسكا سۆھبىتىدە دىپلوماتىك نازاكەتتىن ھالقىغان ھالدا: « ئامېرىكىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە بىزنى سوراق تارتىش لاياقىتى يوق» دېگەن ئىدى. ئالدىنقى يىلى ئامېرىكىدا  گېئورگې فلويېد ۋەقەسى يۈز بەرگەندە باياناتچى خۇا چۈنيىڭ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغان قىياپەتتە «نەپەس ئالالمايۋاتىمەن» دەپ تىۋىت ئاتقان. يەنى گېئورگ فلويېدنىڭ ئۆلۈم دەقىقىلىرىدىكى سۆزىنى تەكرارلاپ، ئامېرىكىغا يىڭنە سانجىغان ئىدى. 

خىتاي تەرەپنىڭ  ھەددىنى بىلدۈرۈشكە ئۆزلىرى تىلغا ئالغان  بىرلا مىسال كۇپايە: 
  
كوچىدا بوينىغا دىسلاپ ئۆلتۈرۈلگەن  گېئور فلويېدنىڭ قاتىلى دەرەك شاۋىن ئۆتكەن يىلى  ئامېرىكا سوتىدا  جازاغا تارتىلدى. ھۆكۈم   ئامېرىكىدىكىلا ئەمەس،  پۈتۈن دۇنيادىكى ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. 

يەنە بىر گېئورگ فلويېد- ئىماممەمەت ئەلى- ئۈرۈمچى مىدوڭچۈ قاماقخانىسىدا 2009 ‏-يىلى  خىتاي ساقچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، ئەمما بۈگۈنگىچە نە ئۇنىڭ جەسىتى ، نە ئۇنىڭ قاتىلىنىڭ كىملىكىدىن ئۇچۇر يوق.  بىر سابىق تۇتقۇن ، ئىماممەت ئەلىنىڭ ئاپىسىغا مۇنداق ئۇچۇر بەرگەن: « مەن ئىماممەت ئەلى بىلەن كامىرداش ئىدىم، ئۇ  بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق سوراقتىن ئامان چىقتى، ئەمما ئۈچىنچى قېتىملىق سوراقتا ئۆرە تۇرغۇدەك ھالى يوق ئىدى. ئەتىسى قان قۇسۇشقا باشلىدى. مەن گۇندىپايلارغا : » بۇ بالىنىڭ داۋالاتمىساڭلار ئۆلۈپ قالىدۇ» دېدىم، ساقچىلار كېلىپ ئاچىقىپ كەتتى، شۇ پېتى كامېرغا قايتىپ كەلمىدى» . مانا بۇ،  قاماقخانىغا 13 قېتىم، بېيجىڭغا 3 قېتىم بېرىپ ئوغلى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ ئۇچۇر ئالالمىغان پاتىگۈل غۇلامنىڭ 5 يىل ئىچىدە ئالغان بىردىن بىر ئۇچۇرى. 

شۇنداق،  ئۇ،  گېئورگ فلويېددەك بوينىدىن دەسسەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما، كۆكسىدىن ۋە ياكى قارنىدىن دەسسەلگەن ياكى دىسلانغان ۋە ۋە  ياكى كالتەكلەنگەن؛ چۈنكى قان قۇسۇش بىر سىلاپ قويۇش، دۈشكەللەپ قويۇش ياكى بىر تەستەكلەشنىڭ ئاقىۋىتى ئەمەس.  گېئورگ فلويېد دەسسلىنىۋاتقاندا، ئەتراپىدا« توختا» دەپ ۋارقىرىغان، رەسىمگە تارتقان گۇۋاھچىلار، ئەتىسى  ئىشنىڭ جەريانىنى دۇنياغا يايغان ئاخباراتچىلار بولغان. ئەمما ئىماممەت ئەلى قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغاندىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئانىسى كۆز يېشى قىلىپ مەھەللىنى بېشىغا كەيگەندىمۇ، ئۇنىڭ يېنىغا بىر مۇخبىر ئۈنمىدى. 

مانا بۈگۈن 13 يىل بولدى، ئىماممەت ئەلىنىڭ تېخىچە تېنى، جەسىتى ۋە ياكى مازاىرىدىن خەۋەر يوق. ئوغلىنىڭ ئۆلىكىگىمۇ، ئۇچۇرىغىمۇ ئېرىشەلمىگەن پاتىگۈل غۇلام 2014 ‏-يىلى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ 2 يىل تۈرمىدە يېتىپ چىقتى. 2017 ‏-يىلىدىن كېيىن قايتىدىن «تەربىيەلەش»تە.  ئۇنىڭ غەيرىي رەسمىي ئادۋوكاتى، پروفېسسور ئىلھام توختى،  ئىماممەمەت ئەلى قاتارلىق غايىبلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلىپ  خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە تەلەپ سۇنغان،  ئۇ مۇشۇ خىل قىلمىشلىرى سەۋەبلىك نۆۋەتتە مۇددەتسىز قاماقتا. 

ئىماممەمەت ئەلى، گېئور فلويېدتىنمۇ ساغلام ئىدى. ئالىي مەلۇماتلىق ئىدى، ئىنژېنېر ئىدى. ئۇ  تۇتۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىدا ئاپىسىنىڭ تاپا-تەنىلىرىگە مۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىدى : 
 
« ئاپا، ئەسلىدە ئۇ نامايىشقا (5 ‏-ئىيۇل نامايىشىغا) قاتناشقۇم يوق ئىدى. ھاياتىمدا كۆرگەن تۇنجى نامايىش بولغاچقا قىزىقىپ يېقىنلىشىپ قايتىمەن، سەپنىڭ ئىچىدىكىلەر » ئەركەك بولساڭ كىر  ئارىمىزغا،  تاماشا كۆرمە» دېدى. ئارقامغا يېنىشتىن نومۇس قىلدىم، قېتىلىپ قالدىم. بولمىسا، بۇ دۆلەتتە نامايىش بىلەن ئىش پۈتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم!»
 
مانا بۇ،  ئىماممەتنىڭ ئەلىنىڭ بىردىن بىر «گۇناھى»!

گېئورگ فلويېدنىڭ قاتىلىنىڭ 3 شېرىكىمۇ يېقىندا سوتقا تارتىلدى. ئىماممەمەتنىڭ ئەلىنىڭ قاتىلى قاچان سوتقا تارتىلىدۇ؟ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام قاچان قويۇپ بېرىلىدۇ، ئىلھام توختىچۇ؟ ئەگەر خۇا چۈنيىڭنىڭ گېورگ فلويېدقا ھېسداشلىقى راست بولسا، بۈگۈن ئىماممەمەت ئەلى ھەققىدە بىر تىۋىت ئېتىپ باقسۇن!؟ 

ئەمما ، ئېنىقكى خۇا چۈنيىڭ بۇنى قىلالمايدۇ. چۈنكى ئامېرىكىدا قېيىن قىستاقتىن ئۆلگەن گېورگ فلويېد بىر بولغىنى بىلەن، شەرقى تۈركىستاندا قېيىن قىستاقتىن ئۆلگەن ۋە غايىب بولغانلار 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئۆزىدىلا مىڭلارچە بار، 2017 ‏-دىن كېيىن مىليونلارچە!!! 

دېمەك، خىتاي،  كەپلىشىش رېئاكسىيەسى  ( whataboutisim) نى قالقان قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىيالمايدۇ. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇرلۇقىمىز ۋە ئىنسانلىقىمىز

شە ماي 14 , 2022
ئۇيغۇرلۇقىمىز ۋە ئىنسانلىقىمىز

You May Like