ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 18-مارت
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-مارت ئىلان قىلغان Liam Scott ئىمزاسدىكى «شنجاڭدىن يىراق جايدا، ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيتىنى تېرىك ساقلىماقتا»ناملىق ماقالىسدە، گىرمانىيەنىڭ مۇنىخ (بەزىلەر ميۇنىخ دەپ ئشلىتىدۇ)شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيتىنى ساقلاش تىرىشچانلىقى ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان.
مەزكۇر ماقالىدە، بۇ شەھەردىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىۋى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سالامەت ھاشىم (Salamet Hashim) ۋە ئابدۇۋەلى تۇرسۇن قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلغان. سالامەت ھاشىم: (ئۇيغۇر تىلى بىزنىڭ كىملىكىڭىز، ئەگەر تىلىمىز بولمىغاندا، بىز ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دىيەلمەيمىز.»دىگەن.
ماقالىدە يەنە مۇنىخ ئەتراپىدا 700-800 ئۇيغۇرلارنىڭ ياشايدىغانلىقىنى، ئۇلار ئاز بولسمۇ، نامايىش، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، ئۆز كىملىكىنى قوغداش ساھەلىرىدە ئاكتىپ ئىكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئىلىغان.ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپتە مۇنىخقا توپلىشپ قىلىش سەۋەبىنىڭ مۇنىختىكى ئازاتلىق رادىئوسى ۋە ئۇنىڭدا ئەنۋەرجان قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئشلەش باسقۇچىدىن باشلانغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان.
مۇخبىر يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئسا، پىروگرامما دىرىكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلغان، دولقۇن ئىسا: «مۇنىختىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سياسەتكە ئارىلىشش قىزغىنلىقى ياخشى ۋە ئاكتىپ »دىگەن.
سوپۇر ھاجىم مۇنىختا ياشاۋاتقىلى 20 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇ 2018-يىلى تەڭرىتاغ رستۇرانى (Tengri Tagh Uyghur Restaurant )نى ئاچقان.
سوپۇر ھاجىم ئامېرىكا ئاۋازىغا مۇنداق دىگەن: «ئۇيغۇر تاماقلىرى ۋە رستۇرانى مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى، ئۆز-ئارا ھېكايىلىرىنى ئورتاقلىششى، ئەڭ مۇھىمى بېشىغا كەلگەن بۇ ئىغىر كۈلپەتلەر ۋە يۈكلەرنىڭ ئازاپلىرىدىن بىللە ئۆتۈشى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم.»
يولدىشى بىلەن 2011-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر رىستۇرانى (Kashgar Uyghur Restaurant )نۇرگۇل ئابلىز مۇنداق دىگەن: بۇ يەر پەقەت رىستۇرانلا ئەمەس،بۇ جەمئىيەت ئەزالىرى توپلىشىدىغان بىر جاي، بۇ يەر بىزنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىمىزنى ساقلاپ قىلىشتا قەتئى لازىم جاي.ئۇيغۇرلار بۇ يەرگە كىلىپ تاماق يىسە،ئۇلار ئۆزىنى ۋەتەندىكىدەك،خۇددى شەرقى تۈركستانغا قايتقاندەك ھس قىلىدۇ.»