دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن چاقىرىلغان 2. نۆۋەتلىك شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭىشى باشلاندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن چاقىرىلغان 2. نۆۋەتلىك شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭىشى باشلاندى

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن چاقىرىلغان 2. نۆۋەتلىك شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭىشى باشلاندى

ھەبىبۇللا ئىزچى 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 26-ماي
بۈگۈن 26-ماي كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭىشى باشلاندى.

دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋە شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى 25-ماي كۈنىدىن باشلاپ كېڭەش ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ قېتىملىق مىللىي كېڭەشكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يىگىرمىدىن ئارتۇق شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر سوتىنىڭ ئادۋوكاتلىرى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرى، مەسلىھەتچىلىرى،  ۋە لاگېر شاھىتلىرى قاتارلىقلار قاتناشقاندىن باشقا قازاقىستان،قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن ۋەكىللەرمۇ بار.

مىللىي كېڭەش ئەتىگەندە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايىتى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە جاۋابكارلىققا تارتىشىنىڭ يولىنى ئىزدەش دېگەن تېما بىلەن باشلىنىدۇ. 

يىغىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئىيسانىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن  باشلاندى.

بۇ قېتىملىق مىللىي كېڭەشكە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن چاقىرىلغان « شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» نىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى باشلاندى

سە ماي 31 , 2022
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن چاقىرىلغان « شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» نىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى باشلاندى

You May Like