تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنىتلىقى: خاماس لىدىرى خانىيا ختاي دىپلوماتى ۋاڭ كېجىيەن سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا سى ئەن ئەن ئاگېنىتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، خاماسنىڭ لىدىرى ئ‍سمايىل خانىيا بىلەن ختاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئ‍شلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى ۋاڭ كېجىيەن قاتارنىڭ دوھا شەھىرىدە كۆرۈشۈپ، پىكىر ئالماشتۇرغان.ختاي ھۆكۈمىتى تاشقى ئ‍شلار منستىرلىكى بايانات ئىلان قىلىپ، مەزكۇر كۆرۈشۈشنى جەزىملەشتۈرگەن.

تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنىتلىقىنىڭ بىلدۈرىشچە، بۇ ئاشكارە ئىلان قىلىنغان تۇنجى كۆرۈشۈش ئىكەن.

كۆرۈشۈشتە خانىيا گازادىكى قەتلىئامنى توختىتىش، ئ‍سرائىلىيەنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش، پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش توغرىسدا پىكرىنى بىلدۈرگەن.

خانىيا يەنە ختاينىڭ ب د ت بېخەتەرلىك كېڭىشىدە ئوينىغان رولى ئۈچۈن رەھمەت بىلدۈرگەن.

سى ئەن ئەن ۋە ئامېرىكا ئ‍اۋازى ئىلان قىلغان تەپسلى خەۋەردە، خاماس ئورگان باياناتى ئىلان قىلىپ، ئۆتكەن ئايدا ختاينىڭ قاتاردىكى باش ئەلچىسى ساۋ شياۋلىن بىلەن خاماس لىدىرىنىڭ ئ‍ۇچراشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.سى ئەن ئەن نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ختاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدىكى بۇ .ئۇچرىششنى ئىلان قىلمىغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي خوڭكوڭدا«دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش نىزامى لايىھەسى»ماقۇللىدى

پە مارت 21 , 2024
ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 21-مارت ختاي كونتىرۇللۇقى ئاستىدىكى خوڭكوڭ پارلامنىتى پۇقرالارنىڭ ختاي ھاكىمىيتىگە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ««دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش نىزامى لايىھەسى»نى ماقۇللىدى.  3-ئاينىڭ 19-كۈنى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق قانۇن كېڭىشى 89 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 0 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى، 0 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن «دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش نىزامى لايىھەسى»نى ئۈچىنچى قېتىم […]
خوڭكوڭ دۆلەت بېخەتەرلىك قانۇنىنى ماقۇللىدى.

You May Like