خىتاي ئۈچۈن گەپ قىلىۋاتقان سودا پىشىۋاسى

ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى سودا ۋەكىلى لايتھايزىر نەچچە ئون يىلدىن بېرى خىتاينى ئەڭ قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان ۋاشىنگتون ئەربابلىرىنىڭ بىرسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇرۇش، خىتايغا قارىتا سودا دەۋاسى قىلىش قاتارلىق ئىشلىرى بىلەن ترامپنىڭمۇ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن بىر شەخىس ئىدى.

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-يىلى 11- ئۆكتەبىر

 

ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى سودا ۋەكىلى لايتھايزىر نەچچە ئون يىلدىن بېرى خىتاينى ئەڭ قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان ۋاشىنگتون ئەربابلىرىنىڭ بىرسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇرۇش، خىتايغا قارىتا سودا دەۋاسى قىلىش قاتارلىق ئىشلىرى بىلەن ترامپنىڭمۇ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن بىر شەخىس ئىدى.

 

ئەمما بۇ يىل يانۋاردا خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈلگەندىن بۇيان، ئۇ خىتاينى ياقىلاپ گەپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش سەۋەبىدىن خىتاينى جازالاش، تەيۋەن بىلەن سودا قىلىشنى ئويلايدىغان پارلامېنت ئەزالىرىغا ۋە باشقا ئاقساراي ئەمەلدارلىرىغا توسالغۇ بولۇپ كەلدى.

 

8- سىنتەبىر جاكارلانماقچى بولغان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) نىڭ پاختا ۋە پەمىدۇرلىرىنى چەكلەش بۇيرۇقى لايتھايزىر قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ قارشى چىقىشىغا ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە چەكلەش بۇيرۇقى خىتاينى غەزەپلەندۈرۈپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىكەن.

 

لايتھايزىر يەنە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىدە خىتايدىن ئۆچ ئېلىشىغىمۇ قارشى چىققان. ئۇ يەنە تەيۋەن بىلەن بولغان سودا قىلىش مۇزاكىرىلىرىدىمۇ دۆلەت كېڭىشى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، دۆلەت سودا مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا قارشى مەيداندا تۇرۇپ كەلمەكتە.

 

ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سودا سۆھبەتلىرىدە لايتھايزىر بىلەن مايىك پومپىئو ئارىسىدا بەزىبىر ئىختىلاپلار كۆرۈلگەن بولۇپ، لايتھايزىر بىر مۇخبىرنىڭ سوئالىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغاندا بۇ ئىشلارنى «تەلۋىلەرچە توقۇلغان ساختا ھىكايە» دېگەن. دۆلەت كېڭىشى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇسمۇ سىشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا سودا ۋەكىلى لايتھايزىر بىلەن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئونىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەزەلدىنلا ياخشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئامېرىكا-خىتاي سودىسىدىكى تەڭسىزلىك، ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن خىتايغا كەسكىن پوزىتسىيەدە بولۇپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاقساراي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ پوزىتسىيىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.

 

نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىدىن ئېلىندى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

تىنچلىق مۇكاپاتىمۇ ياكى ئاچلىق مۇكاپاتى؟

دۈ ئۆكتەبىر 12 , 2020
2020-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» دۇنيا ئاشلىق پروگراممىسىغا بېرىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەنسۇپ بۇ ئورگاننىڭ مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى «توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشتا قورالغا ئايلانغان قەھەتچىلىككە قارشى تۇرغانلىقى» غا باغلانغان. نورۋېگىيە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتىتىنىڭ باياناتىدا قەھەتچىلىكنىڭ ئۇرۇشلارغا ۋە تۈگىمەس توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. باياناتتا ئاچارچىلىقنىڭ كېڭىيىشى بىلەن ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىيىشى ئوتتۇرىسىدا سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئاچارچىلىقنىڭ تېخىمۇ تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن.

You May Like