بىلىۋىلىڭ: ئاسيا تىچ ئوكيان ئېقتسادى ھەمكارلىق يېغىنى (Asia-Pacific Economic Cooperation (APEC ) قانداق يېغىن؟بۇ يىل نىمىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ؟

تەييارلىغۇچى: ئافراسياپ

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

نۆۋەتتە، ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن دۇنيانىڭ ئاسيا تىچ ئوكيان رايونىدىن كەلگەن 21 دۆلەت رەھبىرىنى ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى كالىفورنيە شتاتى تەرەققىيات شەھىرى ھسابلانغان سان فىرانسكو شەھىرىدە كۈتۈۋالىدۇ.

يېغىن داۋامىدا، ساھىپخان جوۋ بايدىن شى جىن پىڭ بىلەن قوشۇمچە يېغىن سۆھبىتى (Side Line Meeting )ئۇچرىششدا بولىدۇ.

ئۇنداقتا ئاسيا تىچ ئوكيان ئېقتسادى ھەمكارلىق يېغىنى قانداق يېغىن؟

مەزكۇر يېغىن-ئاسيا تىچ ئوكيان قىتئەلەر ئارسىدىكى ئېقتسادى ھەمكارلىق يېغىنى بولۇپ،جەنۇبى شەرقى ئاسيا دۆلەتلىرى ئېتتپاقى (1981-يىلى قۇرۇلغان )دىن كىين قۇرۇلغان مۇھىم ئېقتسادى ۋە دىپلوماتىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھسابلىنىدۇ.

مەزكۇر يېغىن -1989-يىلى سنگاپورنى مەركەز قىلىپ ئېچىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئېقتسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان رىقابەت ۋە خىرسقا تاقابىل تۇرۇش ۋە رايوندىكى يېزا-ئىگىلىك ۋە خام ماتېرىياللار ئۈچۈن بازار ئېچىشنى مەقسەت قىلغان.

مەزكۇر يېغىن نۆۋەتتە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەڭ كونا بولغان، چوڭ دۆلەتلەر ئارا ئېقتسادى ھەمكارلىق كېڭىشى ھسابلىنىدۇ.

مەزكۇر يېغىن -سياسى تېمىلار جۈملىدىن تىچلىق ۋە ئۇرۇش مەسلىسنىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىغان بولۇپ، ھىچقانداق چوڭ دۆلەت تەرىپىدىن مونوپۇل قىلىنغان بېقىندى ئورگان ئەمەس، ئەكسچە مۇزاكىرە سەھنىسى ھسابلىنىدۇ.

مەزكۇر يېغىنغا قاتناشقان دۆلەت رەھبەرلىرى شۇ دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى مىللى كېيمىنى كىيىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدۇ، مىللىيچە تاماقلىرى ۋە مەدەنىيتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

2023-يىللىق ئاسيا تىچ ئوكيان ئېقتسادى ھەمكارلىق يېغىنىدا مۇھىم كۈنتەرتىپلەر قايسلار؟

ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، ئاۋال ئېقتساد، تېخنىكا، ئىجتىمائى كاپالەت منستىرلىرى كۆرۈشۈپ، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئالاقىدار تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.بىرلىككە كەلگەندىن كىين،دۆلەت رەھبەرلىرى كۆرۈشۈپ،ئورتاق پىكىرنى بايانات شەكلىدە سۇنىدۇ.

ئېقتسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات مەسلىسى ئاساسلىق تېما بولىدۇ.

1-يېمەكلىك بېخەتەرلىكى 2-ساغلاملىق 3-چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش

4-رەقەملەشتۈرۈش 5-ئاياللارنىڭ ئېقتسادى ئورنىنى كۈچەيتىش 6-سەل قارالغان ۋە ئاجىز جەمئىيەتلەرنى قوللاش 7-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتش 8-مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تېمىلار بولىدۇ.

يېغىن ئاساسى تېمىسى: «ھەممە ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە داۋام قىلىدىغان كەلگۈسى يارىتىش»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر رادىئوسدىن خوشخەۋەر: جالالىدىن بەھرامنىڭ «كونا قاپقان»ناملىق رومانى ئاۋازلىق نەشرى ھەقسز سۇنۇلدى؛

چا نويابىر 15 , 2023
ئۇيغۇر خەلقىگە ئاۋاز ئارقىلىق خىزمەت قىلىش، تارىخ، سياسەت، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئېقتساد توغىرسدا نادىر ئەسەرلەرنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇر رادىئوسىنىڭ ئەدەبى ئەسەرلەر سەھىپىسىدە، خەدىچە خانىم ئۇيغۇر يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ «كونا قاپقان» ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ، تەھرىرلەپ كۆپچىلىككە سۇنۇشنى باشلىدى. ئۇيغۇر رادىئوسى مۇھەرىرىمىزنىڭ بىلدۈرىشچە، خەدىچە خانىم چوڭ-كىچىك، ئەر-ئاياللارغا ماسلاشتۇرۇپ، چىرايلىق ئاۋاز بىرىپتۇ،قىنى كۆپچىلىك […]
ئۇيغۇر رادىئوسى

You May Like