خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئەنگلىيە دۆلەت مەجلىسىگە كىرىشى چەكلەنگەن

خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئەنگلىيە دۆلەت مەجلىسىگە كىرىشى چەكلەنگەن

 

 

 ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 16-سېنتەبىر

ئەنگلىيە پارلامېنت رەھبەرلىرى خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېڭ زې گۇاڭنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى توستى. بۇنىڭ سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبلىك بەزى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا جازا يۈرگۈزۈشى ئىدى. بۇ ئىشقا نىسبەتەن خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابەن :« بەزىبىر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ شەخسىي سىياسىي مۇددىئاسى سەۋەبلىك ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نورمال دىپلوماتىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە دەخلى قىلىشى «نومۇسسىزلىق» شۇنداقلا قورقۇنچاقلىق قىلمىشىدۇر» دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە دۆلەت مەجلىسىدىكى پارتىيەسىز زاتلار تەرىپىدىن تەركىب تاپقان «خىتاي گۇرۇپپىسى» 15-سېنتەبىر پارلامېنت بىناسىدا خىتاي- ئەنگلىيە سودا جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى بولغان. خىتاي باش ئەلچىسى جېڭ زې گۇاڭ بۇ زىياپەتكە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىمەكچى بولغان. ئەمما رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى باشلىقى لىيندساي خويل (Lindsay Hoyle) ۋە يۇقىرى پالاتاسى باشلىقى جون مەكفال (John McFall) لار ئوتتۇرىغا چىقىپ خىتاي ئەلچىسىنىڭ بۇ پائالىيەتتە نۇتۇق سۆزلىشىگە قارشى تۇرغان.

Lindsay Hoyle مۇنداق دېگەن: « مەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن باش ئەلچىلەر بىلەن قەرەللىك ھالدا ئۇچرىشىپ دۆلەتلەر ئارا شۇنداقلا ھەرقايسى پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىمەن. ئەمما ، خىتاي بىزنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىغا قارىتا جازا يۈرگۈزدى، مېنىڭچە بۇ خىل ئەھۋالدا خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى شۇنداقلا بىزنىڭ خىزمەت ئورنىمىزدا پەيدا بولۇشى مۇۋاپىق ئەمەس.» ( بۇ يىل مارتتا خىتاي، ئەنگلىيە سىياسىيونلىرى ۋە ئادۋوكاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز شەخس ۋە بىر ئورگانغا »ئۇيغۇرلار ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقاتقان» دېگەن بەتنام بىلەن جازا يۈرگۈزگەن.)

خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى يازمىچە بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: « بەزىبىر پارلامېنت ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي سىياسىي مۇددىئاسىنى مەقسەت قىلىپ خىتاي بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى نورمال ھەمكارلىق خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ خىل قىلمىش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ بىر نومۇسسىزلىق ھەمدە قورقۇنچاقلىق قىلمىشىدۇر.» باياناتتا يەنە خىتاينىڭ ئەنگلىيە تەرەپنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە جازالىشى قانۇنغا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. Lindsay Hoyle بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئەگەر خىتاي جازا تىزىملىكىنى بىكار قىلمىغۇچە باش ئەلچىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىينىڭ ئاۋىستىرالىيگە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى تېخنىكىسىنى ھەمبەھىرلىگەنلىكىنى قەبىھلەرچە ھاقارەتلىدى

پە سېنتەبىر 16 , 2021
خىتاي ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىينىڭ ئاۋىستىرالىيگە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى تېخنىكىسىنى ھەمبەھىرلىگەنلىكىنى قەبىھلەرچە ھاقارەتلىدى

You May Like