ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خىتايدا زىيارەتتە بولدى

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خىتايدا زىيارەتتە بولدى

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خىتايدا زىيارەتتە بولدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 2-ئاپرېل

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى يوشىما خاياشى  2-ئاپرېل كۈنى بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن كۆرۈشۈشتە بولغان.

يوشىما خاياشى سۆھبەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئايدا بېيجىڭدا قولغا ئېلىنغان ياپونىيە پۇقراسىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما چىن جاڭ بۇنىڭغا قارىتا « خىتاي تەرەپ قانۇن بويىچە بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭدىن سىرت يوشىما خاياشى  ياپونىيەنىڭ خوڭكوڭلۇق ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، 31-مارت ياپونىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ ياپونىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئەسلىھەلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىشىغا چەكلىمە قويۇش قارارىنى ئېلان قىلغان. ۋەھالەنكى بۇ ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىغا ئەگىشىپ خىتاينى نىشان قىلغان چەكلەش قانۇنى بولۇپ، چىن گاڭ كۆرۈشۈشتە ياپونىيە تەرەپنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «يامان كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرماڭلار» دېگەن. ئەمما يوشىما خاياشى مۇخبىرلارغا بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەتكە مەقسەتلىك قارىتىلمىغانلىقىنى ئېيتقان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى(27-مارتتىن 2-ئاپرېلغىچە)

دۈ ئاپرېل 3 , 2023
ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى(27-مارتتىن 2-ئاپرېلغىچە)

You May Like