ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى(27-مارتتىن 2-ئاپرېلغىچە)

ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى(27-مارتتىن 2-ئاپرېلغىچە)

   ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى(27-مارتتىن 2-ئاپرېلغىچە)

بۇ ھەپتە ئىچىدە دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر تۆۋەندىكىچە:

سەئۇدى نېفىت شىركىتى خىتاي بىلەن 12مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەبلەغ سېلىش توختامى تۈزىدى

«ئەلجەزىرە» تورىنىڭ 28-مارت خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىتچىلىك شىركىتى بولغان  «سەئۇدى ئارامكو» دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ خىتاي بىلەن ئىككى تۈردە زور سوممىلىق مەبلەغ سېلىش توختامىنى تۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان.

بىرىنچى توختامنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، «سەئۇدى ئارامكو» شىركىتى 2026-يىلىغا بارغۇچە خىتاينىڭ شەرقى شىمال رايونىدا سېلىنماقچى بولغان كەڭ كۆلەمدىكى نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا مەبلەغ سالماقچى بولغان بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 12 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. مەزكۇر زاۋۇت ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن كۈندىلىك نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش مىقدارى 30 مىڭ تۇڭغا، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3مىليون 650مىڭ توننىغا يەتكۈزۈش پىلانلانغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، سەئۇدى نېفىت شىركىتى بۇ تۈردە 30 پىرسەنتلىك پاي چەك كونتروللۇقىغا ئىگە بولىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە «سەئۇدى ئارامكو» شىركىتى خىتاينىڭ «رۇڭ شېڭ نېفىت شىركىتى» (Rongsheng Petrochemical Co) بىلەن 3،6 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى يەنە بىر توختامنى ئىمزالىغان بولۇپ، توختام بويىچە سەئۇدى شىركىتى «رۇڭ شىڭ »شىركىتىنىڭ 10 پىرسەنتلىك پېيىنى كونترول قىلىش بىلەن بىرگە، خىتايغا كۈنىدە 480مىڭ تۇڭ ئەتراپىدا خام نېفىت ئېكسپورت قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.

«گېرمانىيە ئاۋازى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 28-مارت خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان باش ۋەزىرى مۇھەممەت بېن سالمان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، سۆھبەت جەريانىدا شى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى پەيتتە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان، شۇنداقلا داۋاملىق تۈردە يادرولۇق مەنپەئەتلەرگە تاقىشىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. مۇھەممەت بېن سالمان سۆزىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتاينى قوللايدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىرىدىن بىرى بولغان – كارىزنى ۋەيران قىلىش قەدىمىنى باشلىدى

يېقىندىن بېرى ئ‍ىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ۋە قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرىنىڭ كارىزلارنى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى بىلەن توپا-شېغىللارنى تۆكۈپ تىندۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
بۇنىڭغا قارىتا يەرلىكتىكى بىر ئۇيغۇر خانىم ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ۋىدىوسىدا: ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ كىچىكىدىن كارىز بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى سۆزلەش بىلەن بىرگە 2009 – يىلىدىن كېيىن يولغا قۇيۇلغان، « كارىزغا  70 مېتىر يېقىنلىقتا قۇرۇلۇش قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن قانۇن تۇرغۇزۇلغانلىقى، ۋە كارىزنىڭ دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدا يۇنېسكو تىزىملىكىدە ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى تارىخقا ھۆرمەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

سۇنى  يەرنىڭ تېگىدىن زېمىن ئۈستىگىچە ئېلىپ چىقىدىغان مەزكۇر كارىزلار، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈكسەك پاراسىتى بىلەن بىنا قىلغان ئەڭ قەدىمكى تارىخىي مىراسلىرىمىزدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. كۈنىمىزدىمۇ مەزكۇر كارىز سۇلىرىنىڭ ئېتىز ئېرىقلارنى سۇغۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىش بىلەن بىرگە تۇرپان خەلقىنىڭ ئىچىملىك سۈيى مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىپ كەلمەكتە. كارىز ئېرىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۇرپان رايونىدا بولۇپ، تارىخ تەتقىقاتچىلىرى كارىزنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى  ئەجدادىمىز ھون تەڭرىقۇت دەۋىرلىرىگىچە تۇتاشتۇرىدۇ.

تۇرپان شەھىرى -ئۆزگىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، يارغول قەدىمى شەھىرى، قەدىمى ئۇيغۇرلار قەبرىستانلىقى، تاش ئۆڭكۈرلىرى ، تارىخىي ماكانلىرى، تارىخىي ئەسەرلىرى  ۋە بەش مىڭ كىلومېتىرغا سوزۇلغان يەر ئاستى ئېرىقى بولغان كارىز بىلەن مەشھۇردۇر. كارىز يەر ئاستىدىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئىنشائاتى ۋە 1100 ئېرىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر ئاستى سۇ ئامبىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 5000 كىلو مېتىر كېلىدۇ.  
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتىنىمىزنىڭ  ساياھەتچىلىك كەسپىدىن كېلىدىغان كىرىم ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى تېخىمۇ كۆپ جەلپ قىلىش ئۈچۈن كارىزنى تۇرپان ساياھەتچىلىكىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. پەقەت بۇ ساياھەتچىلىك  ئۈچۈن ئېچىلغان بىر قىسىم رايونلار كارىزلارنىڭ قوغدىلىشى ۋە مەدەنىي تارىخىنى گەۋدىلەندۈرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كارىز سۈيىدىن تېرىقچىلىق ۋە ئۈزۈمچىلىك قىلىدىغان باشقا رايونلار خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قالايمىقان قۇدۇق قېزىشى ۋە يەر ئاستى سۈيىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشى سەۋەبىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە 2016-يىلى تۇرپاننىڭ بۇيلۇق يېزىسىدا كارىزنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن بىر قېتىملىق كەسكىن توقۇنۇش كېلىپ چىققان.   
ۋەھالەنكى ۋەتىنىمىز خىتاي ئىشغالىغا چۈشۈپ قالغاندىن بۇيان كارىزنىڭ قوغدىلىشى ۋە رېمونت قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىغاچقا ۋە ئائىلىلەرگە ئىچىملىك سۇ تۇرۇبا ئارقىلىق يەتكۈزۈشكە باشلىغاندىن بۇيان تېرىلغۇ ۋە ئۈزۈمچىلىك كەسپىدىلا ئىشلىتىلىنگەچكە كارىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە قوغدىلىشى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە.
بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەپ تارتماستىن ئوچۇق -ئاشكارا كارىزلارنى تىندۇرۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمىي تارىخى ئىزلىرىنى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەلتۆكۈس يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك قارا نىيىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ بەردى.
مۇشۇنداق بىر ئۆزگىچە  ‹‹مەدەنىيەت›› بۈگۈنكى كۈندە خىتايدىن ئىبارەت ۋەھشىي ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مىللەت سۈپىتىدە بىرلىشىپ قىلغان زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا.

ئاتالمىش ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكىرتارى ماشىڭرۇي قازاقىستان زىيارىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان.
خىتاي يەرلىك خەۋەر قاناللىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» باش سېكرېتارى ماشىڭرۇي باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك قازاقىستان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 29-مارتتىن 30-مارتقىچە ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت ۋە قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىككى دۆلەت باش مىنىستىرلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغان.  خەۋىرىدە يەنە دېيىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بىر تۈركۈم سودا توختاملىرىنى تۈزگەن. 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى كۈزەتكۈچىلىرىنىڭ  بىلدۈرىشىچە، ماشىڭرۇي نىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى سودا توختاملىرى تۈزۈش بىلەن بىرگە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى بىرقۇر كۆزدىن كەچۈرۈپ يېڭى سىياسىي ئىسىتراتىگيەلىك پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىش ۋە بۇ ئارقىلىق مەركىزى ئاسىيانىڭ غوللۇق سودا مەركەزلىرىدە تۇراقلىق ھالدا كاپىتال يۈرگۈزىۋاتقان  ئۇيغۇر سودىگەرلەرنى، شىركەتچىلەرنى، ۋە ئاھالىلەرنى خىتاي كونتروللىقى ئاستىغا ئىلىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.

خىتاينىڭ بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بارغانچە قويۇقلاشماقتا.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 29-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى كابىنتى شۇ كۈنى بايانات ئىلان قىلىپ ،<شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى>غا رەسمىي ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنۇشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
دۇنيا شاھىت بولدىكى، ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ۋە ئەتراپىدىكى مۇسۇلمان دۆلەت خەلقلىرى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغان ۋە بەزى نامايىشلارنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتلىرى بۇ قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى، بەلكى ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ كۆزىدە قاراپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ، خىتاينىڭ دېگەنلىرىنى تەكرارلىدى؛ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» توغرىسىدىكى بايانلىرىنى «سىياسىي ئويۇن» دەپ قارىدى؛ خىتايغا ئەگىشىپ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە قارشى سەپتىن ئورۇن ئالدى، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ ئوتتۇرا-شەرقتە ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىشى، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خىتاي ۋاسىتىسى بىلەن يارىشىپ قېلىشى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا كىرمەكچى بولۇشى قاتارلىقلار مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

خىتايپەرەس دوغۇ پېرىنچەك 100 مىڭ ئاۋازغىمۇ ئېرىشەلمىدى.
2023.يىلى 6. ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان تۈركىيە جۇمھۇرىيتى دۆلەت رەئىسلىك سايلىمىغا ئۆزىنى  نامزاتلىقىقا كۆرسەتكەنلەر ئىچىدە <ۋەتەن پارتىيەسى> باش رەئىسى ،خىتايپەرەس دوغۇ پەرىنچەك مۇ بار بولۇپ ، نامزاتلىققا كۆرسىتىش ئۈچۈن  ئاۋاز توپلاشتا 86 مىليون نوپۇسى بولغان تۈركىيەدىن دوغۇ پەرىنچەكنى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن ئاۋاز سانى 100 مىڭغىمۇ يەتمىگەن. 
مۇخبىرلار دوغۇ پەرىنچەكتىن بۇ توغرىلىق سورىغاندا، ئۇ يەنە ئامېرىكىغا دۆڭگەپ ،سايلام سېسىتىمىسى ئامېرىكىنىڭ باشقۇرىشىدا بولغاچقا بىزنىڭ يولىمىز توسۇلۇپ قالىدۇ. بىز بۇ قىيىنچىلىقلارنى چوقۇم يېڭىپ چىقىمىز دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان.
جۇمھۇر رەئىسلىكى نامزاتلىق ئاۋازىغىمۇ يېتەرلىك ئېرىشەلمىگەن دوغۇ پەرىنچەكنىڭ  بۇ يىل 6. ئايدىكى سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقىمۇ شۇنىڭ بىلەن يوق بولغان.

پىلانلىغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان
تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋەرلەر بۆلۈمىدىن: ئۇيغۇر تۆرە
كىلەر ھەپتە كۆرۈشكۈچە ئامان بولۇڭلار!

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈركىيە فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا كىرىشى ئۈچۈن يېشىل چىراغ ياقتى، ئەمما شىۋېتسىيەنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلدى

دۈ ئاپرېل 3 , 2023
تۈركىيە فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا كىرىشى ئۈچۈن يېشىل چىراغ ياقتى، ئەمما شىۋېتسىيەنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلدى

You May Like