ختاي خوڭكوڭدا«دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش نىزامى لايىھەسى»ماقۇللىدى

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 21-مارت

ختاي كونتىرۇللۇقى ئاستىدىكى خوڭكوڭ پارلامنىتى پۇقرالارنىڭ ختاي ھاكىمىيتىگە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ««دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش نىزامى لايىھەسى»نى ماقۇللىدى.

 3-ئاينىڭ 19-كۈنى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق قانۇن كېڭىشى 89 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 0 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى، 0 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن «دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش نىزامى لايىھەسى»نى ئۈچىنچى قېتىم ئوقۇپ ماقۇللىدى. قانۇن كېڭىشىنىڭ رەئىسى لياڭ جۈنيەننىڭ ئېلان قىلىشى بىلەن، خوڭكوڭنى 26 يىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بۇ ئىجتىمائىي تېما ختاي كومپارتىيسنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

چەتئەللەردىكى خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر مەزكۇر قانۇن لايىھەسنىڭ كىشلىك ھوقۇق ۋە دىموكراتىيەنى باستۇرۇشقا كۆرستىدىغان رولىنى تەنقىد قىلماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى مەزكۇر قانۇننىڭ ماقۇللىنىشنى ئەيىپلىدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قسقا خەۋەر: موسكىۋا مۇزىكا تېياتىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 40 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن

جۈ مارت 22 , 2024
تولۇقلىنىۋاتقان جىددى خەۋەر: نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، روسيە پايتەختى موسكىۋادىكى چوڭ تياتىرخانا شۇ يەر ۋاقتى 22-مارت كەچتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، نۆۋەتتە 40 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن. ئۇكرائىنا پىرەزدىنتى بۇ ۋەقە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ھىچقانداق ئالاقىسنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇكرائىنانىڭ مەقسدى روسيە خەلقىدە ئەمەس بەلكى تاجاۋۇزچى روسيە ئارمېيسنى ۋەيران قىلشتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۆتكەن […]
موسكىۋا تياتىر

You May Like