خىتاي باياناتچىسى: خىتاي رۇسىيە بىلەن داۋاملىق سودا ئالاقىسىنى ساقلاپ قالىدۇ

خىتاي باياناتچىسى: خىتاي رۇسىيە بىلەن داۋاملىق سودا ئالاقىسىنى ساقلاپ قالىدۇ

 خىتاي باياناتچىسى: خىتاي رۇسىيە بىلەن داۋاملىق سودا ئالاقىسىنى ساقلاپ قالىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 2-مارت 

يۈسۈپجان

2-مارت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىڭ مۇخبىرلارنىڭ: « خىتاي داۋاملىق ھالدا رۇسىيەدىن تەبىئىي گاز سېتىۋېلىشىنى داۋاملاشتۇرامدۇ؟ ن؟ نۆۋەتتە غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، بۇنىڭ خىتايغا بولغان تەسىرى قانداق بولىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: « خىتاي تەرەپ قانۇنسىز يۈرگۈزۈۋاتقان تاق تەرەپلىك ئېمبارگولارغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئەمەس. بۇ پەقەت دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادقا ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، نەتىجىدە بۆلۈنۈش ۋە رىقابەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ.»

ۋاڭ ۋېنبىڭ سۆزىدە يەنە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى  ۋە ياكى خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى بىر تەپ قىلىش جەريانىدا خىتاي مەنپەئەتىگە زىيانكەشلىك قىلىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتكەن. ئۇ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ داۋاملىق تۈردە ئۆزئارا ھۆرمەت، باراۋەرلىك روھىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا داۋاملىق تۈردە نورمال بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

رۇسىيە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمەكچى

چا مارت 2 , 2022
رۇسىيە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمەكچى

You May Like