خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇرغان چەتئەلدىكى ئىككىنچى ھەربى بازىسى ئاشكارىلاندى

گەرچە خىتاي كومپارتىيىسى ئىزچىل ھالدا چەتئەلدە ھەربىي بازىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئافرىقا دۆلىتى جىبۇتىدا (Djibouti) قۇرغان بازىسى ئاللىبۇرۇن خەلقئالەمگە مەلۇم بولدى،

داجيۇەن تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 24- فېۋرال

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-24

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

گەرچە خىتاي كومپارتىيىسى ئىزچىل ھالدا چەتئەلدە ھەربىي بازىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئافرىقا دۆلىتى جىبۇتىدا (Djibouti) قۇرغان بازىسى ئاللىبۇرۇن خەلقئالەمگە مەلۇم بولدى، ھالبۇكى ئامېرىكا مېدياسى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى تاجىكىستاندا چەتئەلدىكى ئىككىنچى بازىسىنى قۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ھىندىستان مېدياسى ھەتتا سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بىلەن تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇ بازىغا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىرتقا قارىتا ھەربىي كېڭەيمىچىلىك قىلىش قارا نىيىتىنى ئىسپاتلىدى، بۇ ھەرىكەت خەلقئارا جەمئىيەتنىمۇ بىئارام قىلدى.

ھىندىستاننىڭ « The Print » تورى « ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى ( The Washington Post ) «نىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرىكى خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر بېرىشىچە، ئۆتكەنكى ئەڭ ئاز ئۈچ يىلدىن بېرى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئاللىبۇرۇن تاجىكىستاندىكى بازىغا ئورۇنلاشقان، بۇ بازا خىتاي-تاجىكىستان چېگراسىغا بەك يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئافغانىستاننىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنى بولمىش ۋاخان كارىدورىغىمۇ ( Wakhan Corridor ) ئىنتايىن يېقىن يەرگە جايلاشقان.

ۋاخان كارىدورى شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان تار بىر بەلباغ بولۇپ، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ غەربى ۋە ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي بۆلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان. ئۇ خىتايدىن ئافغانىستان ۋە پاكىستاننىڭ خايبېر- پاختۇنخاۋائۆلكىسىگە (Khyber-Pakhtunkhwa )تۇتىشىدىغان بىر يول بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بۇ خىتاي كومپارتىيىسى رەھبىرىنىڭ « بىر بەلۋاغ بىر يول » قورۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، بۇ قورۇلۇش « خىتاي ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» دەپ ئاتالغان چوڭ قورۇلۇش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ تور بېكەت سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بىلەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇ بازىنىڭ ئورنى ۋە ئەسلىھەلىرى قاتارلىق تەپسىلاتلىرىنى، شۇنداقلا بۇ بازىنىڭ مۇھىملىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە بولغان تەسىرىنى چۈشەندۈرگەن.

بازىنىڭ ئورنى ۋە ئەسلىھەلىرى

بۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بازىسى تاجىكىستاننىڭ قىزىلرابوتقا ( Kyzylrabot ) جايلاشقان بولۇپ، خىتاي- تاجىكىستان چىگراسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر، ۋاخان كارىدورى بىلەن بولغان ئارىلىقى پەقەت تەخمىنەن 12 كىلومېتىر بولۇپ، ۋاخان كارىدورىنىڭ غەربى شىمال بۇرجىكىنى نازارەت قىلغىلى بولىدىكەن.

بۇ بازىدا ئۈچ كورپۇس ئاساسلىق ئىمارەت بار بولۇپ، بۇ ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىككى قەۋەت، توققۇز مېتىر كەڭرىلىكتە، يەر يۈزى ئوچۇق، ماشىنا توختىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئىمارەتلەرنىڭ ھەربىر كورپۇسى « C » شەكلىدە بولۇپ، مەركەز قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 55 مېتىر، ئىككى قانات قىسمىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىر. ئۇلارنىڭ ئۆگزىسىدە ئېگىز تاياقچە ۋە كىچىك پارابولا يۈزلۈك ئانتېننا بولۇپ، ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

بۇندىن تاشقىرى، يەنە ئۈچ كورپۇس زاپاس بۇيۇملارنى ساقلاشقا ئىشلىتىدىغان ئىمارەت بار بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى قەۋەت بىنا ئېگىزلىكىدە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى كورپۇسنىڭ ئۇزۇنلۇقى 45 مېتىر، كەڭلىكى 16 مىتېر، ئۈچىنچى كورپۇسنىڭ ئۇزۇنلۇقى 22 مېتىر، كەڭلىكى 16 مېتىر. بۇلارنىڭ يېنىدا يەنە ئككى كورپۇس كىچىك تىپتىكى توك تارقىتىش ئىمارىتى بار بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 28 مېتىر، كەڭلىكى 8 مېتىر كېلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيىسى تاختىسى توك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ بازىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا يەنە بىر دانە كىچىك تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى بار بولۇپ، ئۈچ بىرونىۋىك ماشىنا توختىتىلغان.

بازىنىڭ بىخەتەرلىكى

بۇ بازا تۆت قەۋەت قورشاۋ تام بىلەن قوغدىلىنىدۇ. بىرىنچى قەۋىتى بىلەن ئىككىنچى قەۋىتىنىڭ ئارىلىقى 20 مېتىردىن ئاشىدۇ، ھەم بىرىنچى قەۋەت ۋە ئىككىنچى قەۋەتتە 15 دانە ئېگىز قاراۋۇلخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 360 گرادۇسلۇق كۆزىتىش ئىمكانىيىتى يارىتىدۇ.

بۇ بازىدىكى  ئۈچ كورپۇس « C » شەكىللىك ئىمارەتلەر بىر-بىرىدىن قورشاۋ تام بىلەن ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، ئىمارەتنىڭ غەرب تەرىپىگە كىرىپ- چىقىش ئېغىزى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بازىنىڭ ئىچىگە ئىنتايىن ئېگىز چاسا كۆزىتىش مۇنارى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 360 گرادۇسلۇق كۆرۈش دائىرىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مۇنارنىڭ ئۈستىگە بىر دانە يەر يۈزىنى كۆزىتىدىغان رادار ئورنىتىلغان.

بۇ بازىنىڭ كۆلىمى 7 گېكتاردىن (357 مو) ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر يىڭ ۋە بىر برىگادا ئارىسىدىكى، ئارقا سەپ قۇرال- ياراق ياردىمى بار بولغان ئەسكىرىي كۈچكە قارشى تۇرالايدۇ.

كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە تەسىرى

گەرچە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تاجىكىستاندىكى بازىسى جىبۇتىدىكىگە قارىغاندا كىچىك بولسىمۇ، بىراق سىرتقى قىسمىدا كېڭىيىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭرى يەر بار، مەسىلەن: ئايرودروم ياكى باشقا ياردەم ئەسلىھەلىرى قۇرۇش.

خىتاي كومپارتىيىسىگە نىسبەتەن، بۇ بازا بەلكىم ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) رايونىغا بولغان تەسىرىگە قارىتا ئەندىشىلىرىنى ئازايتىشى مۇمكىن، لېكىن ھىندىستان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ بازىنىڭ تەرەققىياتى كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ، چۈنكى ئۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان ۋاخان كارىدورىغا كىرىش مۇمكىنچىلىكىنى تۇغدۇرىدۇ.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

http://www.epochtimes.com/gb/19/2/24/n11067509.htm

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ب د ت يىغىنىدا تۈر كىيەدىن خىتايغا چاقىرىق: خاتىمە بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز

دۈ فېۋرال 25 , 2019
كىشىلىك ھوقۇق كومتېتىنىڭ 40 – نۆۋەتلىك «يۇقىرى دەرىجىلىك»لەر يىغىنىدا سۆز قىلغان تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە توختۇلۇپ: خىتاينىڭ يۈرگۈزىۋاتقان ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى بىكار قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى، ئېيتتى.

You May Like