بايدىن- شى جىنپىڭ ئۇچرىشىدا نېمىلەر مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىن؟

بايدىن- شى جىنپىڭ ئۇچرىشىدا نېمىلەر مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىن؟،بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ بايدىن خىتايغا باش ئېگەمدۇ يوق؟ بۇنىڭ جاۋابى پات يېقىندا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىنىش ئالدىدا

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 15-نويابىر

دۇنيانىڭ دىققىتىنى چېكىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىن سۆھبىتى ۋاشىنگتون ۋاقتى 15- نويابىر كېچىدە، بېيجىڭ ۋاقتى 16- نويابىر سەھەردە ئېلىپ بېرىلماقچى. مەزكۇر سۆھبەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك، تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىك شۇنداقلا دۇنيا كىلىمات كرىزىسى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتى بايدىننىڭ قانداق قىلىپ قولىدا «كىلىمات قەرتى» نى چىڭ تۇتقان شى جىن پىڭغا تاقابىل تۇرۇشى توغرىسىغا مەركەزلەشكەن.

ئۇنداقتا بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە قانداق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇمكىن؟ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى تورى بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە تىلغا ئېلىنىش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارالغان مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاپ چىققان:

تەيۋەن مەسىلىسى

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك يېقىنقى ۋاقىتلاردا خىتاي- ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تەيۋەن مەسىلىسى سەۋەبلىك جىددىيچىلىك ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە، بۇ قېتىملىق سۆھبەتتىكى ئاساسلىق مەركىزى نۇقتىمۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانى بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە كۆپ تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەردە بىرلىك ھاسىل قىلالمىغان. پرېزىدېنت بايدىن بېيجىڭنى تەيۋەنگە تەھدىت سېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە، ئەمما بېيجىڭ تەرەپ تەيۋەننى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى دېگەن پرىنسىپنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن: « ئەگەر خىتاي تەرەپ تەيۋەنگە قوراللىق ھەرىكەت قوزغىسا، ۋاشىنگتون ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت( ھەرىكەت تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان) ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن» دېگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى شەنبە كۈنى ئامېرىكىنى تەيۋەن مۇستەقىل كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بەرمەسلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.   

خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى ئامبىرىنى كېڭەيتىش مەسىلىسى

ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان يادرو قورال ئامبىرى ۋە ئاۋازدىن تېز قورال سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا قارىتا ئەندىشە قىلماقتا. بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ئاۋسترالىيەنى يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ياساش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ھىندىستاننى ئۆ ئىچىگە ئالغان « تۆت تەرەپ بىخەتەرلىك دىئالوگى» مېخانىزىمىنىمۇ كېڭەيتكەن. خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلىرىمۇ ئاساسلىق تېمىلاردىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.  

سودا مەسىلىسى

خىتاي تەرەپ 2020-يىلى ئىمزالانغان «ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمى» بويىچە، بىرىنچى باسقۇچتىكى ئامېرىكىدىن 200مىليارد دوللار قىممىتىدىكى تاۋار سېتىۋېلىش ۋەدىسىنى تا ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشۇرمىغان، شۇنداقلا يەنە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، ئامېرىكىنىڭ يېزا -ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە پۇل -مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىگە يول قويۇش توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرمىغان. ئەمما خىتاي تەرەپ پرېزىدېنت ترامپ مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان خىتاي تاۋارلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە، ۋە شۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پۇل پاخاللىق، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. پرېزىدېنت بايدىن بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ تەلىپىنى ئورۇندامدۇ- يوق؟ بۇمۇ كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى چەكمەكتە.

پەن تېخنىكا جەھەتتىكى مەسىلىلەر

خۇاۋېينىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى مىڭ ۋەنجۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر سەل پەسەيگەندەك ھالەتكە كەلگەن، ئەمما ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تېخنىكا ئۇرۇشى تېخى داۋاملاشماقتا. خىتاينىڭ  «خۇاۋېي»، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش ماگناتى « DJI technology» ۋە كۆزىتىش ئاپپاراتى ئۈسكۈنىلىرى ماگناتى «Hikvision» قاتارلىق شىركەتلىرى يەنىلا ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىدە. پرېزىدېنت پايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بۇلارنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان. ئەمما ترامپ دەۋرىدە يۈرگۈزۈلگەن TikTok شىركىتىگە قويۇلماقچى بولغان ئېمبارگولارنى ئىجرا قىلمىغان. شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن.

قىشلىق ئولىمپىك مەسىلىسى

بېيجىڭ كېلەر يىلى 2-ئايدا قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا، ئەمما ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك بۇ مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالدىنقى ھەپتە بلىنكېن ئۆزىنىڭ بەزى بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن ئولىمپىكقا قاتنىشىش مەسىلىسى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما ئېنىق قارار چىقىرىش ۋاقتى توغرىسىدا مەلۇمات ئاشكارىلىمىغان. بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشتە شى جىنپىڭنىڭ بايدىننى بېيجىڭدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەكلىپ قىلىش -قىلماسلىقى، بايدىننىڭ بۇنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە.

يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسى

ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدا ئېغىر مەسئۇلىيىتى بار دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن. بايدىن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدا ئېنىق يەكۈن چىقىرالمىغان.ئەمما بەزى ئاخبارات خادىملىرى ۋىرۇسنىڭ خىتايدىكى ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقى توغرىسىدا ئەيىبلەشلىرىنى ئېلان قىلغان. بايدىن ئىلگىرى خىتايدىن ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ خىتاي تەرەپ بۇنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە بايدىن بۇ مەسىلىلەرنى يەنە ئوتتۇرىغا قويامدۇ -يوق؟ 

بىر بەلۋاغ بىر يول ۋە BBB3 پىلانى مەسىلىسى

بايدىن ھۆكۈمىتى يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىدا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «BBB3»(تېخىمۇ ياخشى بولغان دۇنيانى قايتا قۇرۇپ چىقىش) پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە قانداق كۆز قاراشلاردا؟

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ئانالىزدا دېيىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى كىلىمات مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتايغا يول قويۇش ئېھتىماللىقىمۇ بار بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئىپادىلىرىدىن بۇلارنى قىياس قىلىش مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۈگۈن تۋىتتېردا 12- نويابىر ئاق ساراي ئاخبارات كاتىپى Jen Psaki ئېلان قىلغان باياناتنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپ يازغان: « ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ 9- سېنتەبىردىكى تېلېفون كۆرۈشۈشىدە قانداق قىلىپ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئامېرىكا- خىتاي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا شۇنداقلا قانداق قىلىپ ئىككى تەرەپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە قانداق ھەمكارلىشىش توغرىسىدا مۇنازىرىلەر بولۇنغان ئىدى، بۇ قېتىممۇ پرېزىدېنت بايدىن باشتىن-ئاخىر ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈستۈن ئورۇندا قويۇپ تۇرۇپ، ئېنىق ۋە سەمىمىي ھالدا ئامېرىكىنىڭ مۇددىئاسى ۋە مۇھىم نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، شۇنداقلا خىتاي دۆلىتىگە بولغان ئەندىشىلىرىمىزنى ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ.»

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن بۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىئالوگ ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك، مەۋجۇت بولغان ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭى دەۋردىكى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز -ئارا ھۆرمەتنى ئاساس قىلغان ھالدا تىنچ ۋە بىللە تەرەققىي قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ساغلام ۋە مۇقىم بولغان تەرەققىيات يولىغا قايتىپ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.»   

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە شى جىنپىڭنىڭ قولىدىكى ئەڭ ھالقىلىق رول ئوينايدىغان «قەرتى» توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي دۇنيادىكى كاربون قويۇپ بېرىشتىكى بىرىنچى ئورۇندىكى دۆلەت بولۇپلا قالماي  2030-يىلىغا بارغۇچە كاربون قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتمەي ئەكسىچە ئاشۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن، بۇ دۇنيانىڭ كاربون قويۇپ بېرىش نىسبىتى جەھەتتىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتتى. شى جىنپىڭ مۇشۇنداق بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىلىمات مەسىلىسىدە بايدىنغا قارشى ئوينايدىغان «ئەڭ مۇھىم قەرتى» بار دەپ قارىلىدۇ. بۇ مۇھىم ھالقىنى قولىدا تۇتقان خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاياغلاشقان خىتاي كومپارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت 6- ئومۇمى يىغىنىدا: «شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا» دەپ خۇلاسە چىقارغان.»

بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ بايدىن خىتايغا باش ئېگەمدۇ يوق؟ بۇنىڭ جاۋابى پات يېقىندا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىنىش ئالدىدا.

 

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر مۇھاجىرلار دېلېگاتىسيەسى قانداق ئورگان؟

دۈ نويابىر 15 , 2021
ئۇيغۇر مۇھاجىرلار دېلېگاتىسيەسى قانداق ئورگان؟

You May Like