ئۇكرائىنا پرېزدىنتى زېلىنسكى 21- دېكابىر كەچتە ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلىرى دۆلەت مەجلىسدە نۇتۇق سۆزلىدى.

زېلنىسكى ھەر ئىككى پارتىيە ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە قارشى ئېلىشقا ئېرشتى.
زىلىنىسكىنىڭ نۇتۇقىدىن پارچىلار:

زېلنىسكى ھەر ئىككى پارتىيە ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە قارشى ئېلىشقا ئېرشتى.

زىلىنىسكىنىڭ نۇتۇقىدىن پارچىلار:

«بارلىق پەرەزلەرگە قارشى، بارلىق پايدىسز ئامىللارغا قارشى، ئۇكرائىنا رۇسىيەگە مەغلۇب بولغىنى يوق، يىقىلغىنى يوق، تەسلىم بولغىنى يوق، ئەكسچە دۈشمەنگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىۋاتىدۇ.

ئۇكرائىنا خەلقى ھەرگىز رۇسىيەگە تەسلىم بولمايدۇ.

ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ باتۇرلۇقى ۋە جاسارىتى دۇنيا خەلقىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

سىلەرنىڭ بىزگە بەرگەن پۇلۇڭلار – قانداقتۇر سەدىقە ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ئەركىنىلىكى ۋە دېموكراتىيىسى ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ. بىز ئۇكرائىنا خەلقى – بۇ مەبلەغنى ناھايىتى ياخشى يۈرۈشتۈرىمىز.

بىزنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ۋە زېمىن پۈتۈنلۇك ئۈچۈن قىلغان كۆرىشمىز – سىلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە كۆرىشىڭلارنىڭ بىر قسمى.

ئامېرىكا كۆرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇستەقىل ۋە دېموكراتىك بولالىدى، ياۋروپا كۆرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك بولالىدى. بىزمۇ كۆرەش قىلىپ مۇستەقىل ۋە كۈچلۈك بولىمىز.

بۇ ئۇرۇش – روسيە بېسۋالماقچى بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقى ۋە بېخەتەرلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھەممىڭلارنىڭ، كەلگۈسى بالاڭلار، نەۋرەڭلارنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈندۇر.»

Uyghur Reporter

Next Post

پارىژدىكى كۇردلار مەدەنىيەت مەركىزى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۈچ كىشى قازا قىلغان

شە دېكابىر 24 , 2022
پارىژدىكى كۇردلار مەدەنىيەت مەركىزى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۈچ كىشى قازا قىلغان

You May Like