«ئۇيغۇر ئاچارچىلىقىنى توختات» سوسيال مېدىيا ھەرىكىتىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرەيلى

«ئۇيغۇر ئاچارچىلىقىنى توختات» سوسيال مېدىيا ھەرىكىتىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرەيلى

 «ئۇيغۇر ئاچارچىلىقىنى توختات» سوسيال مېدىيا ھەرىكىتىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرەيلى
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئەزىز قېرىنداشلار، ۋەتەندە ئۇيغۇرلىرىمىز 100 كۈندىن بىرى ئاچ، زار…ئۆلۈم يېتىم كۆپ. ھەر بىر ئۇيغۇر ۋە تەشكىلاتتا ئىنتايىن ئاددىي بولغان بىر ساۋات بولۇشى كېرەككى، نىمىنىڭ دائىملىق پائالىيەت، نىمىنىڭ جىددىي كۈنتەرتىپ ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىش ۋە شۇنىڭغا لايىق تەدبىر قوللىنىش!!!!

مۇشۇ سەۋەبتىن «ئۇيغۇر ئاچارچىلىقىنى توختات »-#stopuyghurstarvation نامىدا بىر سوسيال مېدىيا ھەرىكىتىنى كۈچەيتتۇق. تۆۋەندە ئىنگلىزچە تېكىستنى قوشۇپ قويىمەن. مۇشۇ بويىچە تارقاتساق، ئاۋۋال مېدىيا خەۋەر قىلسا، ئاندىن سىياسىي كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مۇمكىن. ھەممىمىز تارقاتساق، پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇ گەپ بولسا، خىتايغا كۈچلۈك بېسىم بولىدۇ، خىتاي ھەر زامان دۇنيانىڭ باھاسىغا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ،  تولۇق بولمىسىمۇ خېلىلا تەڭشەيدۇ، چۈنكى بۇ خىتاي ئۈچۈن ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان كۈچلۈك سىياسەت ئەمەس. بۇ بىگۇناھ خەلقىمىزنىڭ ئۆلۈم-يېتىمنى ئازايتىشقا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولىدىغانلىقى مۇقەررەر، ھېچ ئ‍ش قىلماي، قاقشىساق ياكى مەشرەپسىمان پائالىيەتلىرىمىزگە داۋام قىلساق، خەلق ئۆلۈپ مېڭىۋېرىدۇ. شۇڭا ھەممىڭلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشۇڭلارنى سورايمەن، ئەھمىيەتسىز مەزمۇنلارغا، ئىشلارغا ۋاقىت بەرمەي، نۆۋەتتىكى جىددىي ئەھۋالنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرسەك. ئەگەر لايىھە لازىم بولسا، ھېچقانداق ئورگان تەشكىلات لوگوسى، ئىسمى بولمىغان تەييار لايىھىلەرنى ئەۋەتىپ بېرىمەن. مەن بۇنىڭدىن باشقا، بارلىق خەلقئارالىق چوڭ تەشكىلاتلارغا خەت يېزىۋاتىمەن. جىنىم قېرىنداشلار، ئۆتۈنەي! بۇ ئۇيغۇر ئاچارچىلىقى مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرەيلى!

2022-يىلى،11-نويابىر، ۋاشىنگتون

A New Alert on the Uyghur Situation

 

For more than 100 days, Chinese authorities have imposed unprecedentedly strict lockdowns in Uyghur cities. Verified videos and information show that a large number of Uyghurs are starving to death.

 

#stopUyghurstarvation #Uyghurstarvation

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي ۋەتىنىمىزدىن 25 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى يۆتكىگەن

يە نويابىر 13 , 2022
خىتاي ۋەتىنىمىزدىن 25 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى يۆتكىگەن

You May Like