ئىلھام توختىنى قوللاش گورۇپپىسى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى

ئىلھام توختىنى قوللاش گورۇپپىسى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى

 ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 22-فېۋرال

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئىلھام توختىنى قوللاش ھەرىكىتى بۈگۈن بېرلىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىنغان، تۇتقۇن قىلىنغان، لاگېرغا سولانغان ۋە ناھەق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن 44  كىشىنىڭ رەسىملىرى  بىلەن  نامايىش قىلدى.

گېرمانىيەدە ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان  رەسىم كۆرگەزمىسى قايتا باشلىدى.  ئىككى سائەتلىك كۆرگەزمە جەريانىدا ئۆتكەن كەچكەنلەرگە زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى  ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن 400  دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىنغانلىقى، مىليونلىغان خەلقنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى، ناھەق تۈردە ئۇزۇن يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن گېرمانچە  ۋە ئۇيغۇرچە تەشۋىقات  ۋاراقلىرى تارقىتىلدى.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

ب د ت دا 141دۆلەت بېلەت تاشلاپ رۇسىيەنىڭ دەرھال ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى، خىتاي بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچتى

جۈ فېۋرال 24 , 2023
ب د ت دا 141دۆلەت بېلەت تاشلاپ رۇسىيەنىڭ دەرھال ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى، خىتاي بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچتى

You May Like