ۋىدىئو ئانالىز خەۋىرى يېزىش ئۇسۇل ۋە چارىلىرى ھەققىدە

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ۋەتەن ئىچى ۋە سرتىدىكى ئوچۇق مەنبەلىك ئۇچۇرلار ھەققىدىمۇ خەۋەر، ئانالىز ماقالىسى ئىلان قىلىدۇ.

ۋىدىئو ئانالىز خەۋىرى يېزىش ئۇسۇل ۋە چارىلىرى ھەققىدە:

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ۋەتەن ئىچى ۋە سرتىدىكى ئوچۇق مەنبەلىك ئۇچۇرلار ھەققىدىمۇ خەۋەر، ئانالىز ماقالىسى ئىلان قىلىدۇ.

ۋىدىئو ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى ۋە جەريانى تۆۋەندىكىچە:

1-ۋىدىئولارنى توپلاش ئۇسۇلى:

ۋەتەنگە ئائىت ۋىدىئولارنى توپلاشتا، ختتاينىڭ تۈرلۈك سوتسيال مېدىيا ئەپلىرى ۋە تور بېكەتلىرى،سوسيال مېدىيالاردا تارقىلىۋاتقان تۈرلۈك ۋىدىئولار، ۋىدىئو تارقىتىدىغان سوسيال مېدىيا ھسابلىرى، ۋىدىئو تارقىتىش گۇرۇپپىلىرى،ۋىدىئو تارقاتقۇچى شەخسلەر ئارقىلىق توپلايمىز ۋە رەتلەيمىز.

مەسلەن: ختتاينىڭ ئۈندىدار (ۋىېشىن، ۋىيبو، كۋەيشو،دوۋيىن ، بەيدۇ، جىنرى توۋتىياۋ) قاتارلىق ئەپلىرى

2-ۋىدىئولارنىڭ مەزمۇن دائىرسى:

تۇتقۇن قىلىنغانلار ئۇچۇرلىرى، ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئ‍ۇچۇرلىرى، بالىلارنىڭ ئەھۋالى، ئاياللارنىڭ ئەھۋالى، تارتىلىۋىلىنغان ئ‍ۇيغۇرنىڭ مال؛مۈلۈكلىرى، مەجبۇرى ئەمگەك،بۇزغۇنچىلىقا ئۇچراۋاتقان مەدەنىيەت ئىزنالىرى، مەجبۇرى نىكاھ، ختتاينىڭ تەشۋىقاتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى سۆزلىگەن، كۆرسەتكەن مەزمۇنلار قاتارلىقلار ئاساسى تېما بولالايدۇ.

3-ۋىدىئولارنى رەتلەش:

ۋىدىئولارنى تۈرلەرگە ئايرىپ رەتلەش كىرەك:تۈرلەر: مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى، بالىلار، مەجبۇرى ئەمگەك، لاگىردىن قويۇپ بىرىلگەنلەر، ئۇيغۇر ئاياللىرى، ئاسسلماتسيە دىگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

4-ۋىدىئولارنى تەھقىقلەش ئۇسۇلى:

1)-ۋىدىئولارنىڭ  راسلىقىنى دەلىللەش، ۋىدىئولارنىڭ مەنبەسى مۇھىم: ۋىدىئو راسمۇ- يالغانمۇ؟بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كىرەك.

2)-ۋىدىئولارنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنىنى دەلىللەش: بۇ ۋىدىئو قاچان،كىم تەرىپىدىن تارقىتىلغان،نەدە سۈرەتكە ئىلىنغان؟ قايسى سۇپا ئارقىلىق تارقىتىلغان، بۇلارنى بىلىش كىرەك.

3)-ۋىدىئولارنىڭ قېممىتىنى بېكىتىش: بۇ ۋىدىئودىكى مەزمۇن نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۇرۇشتە قانداق ئەھميتى،قىممىتى بار؟ 

4)-ئارقا كۆرۇنۈش: ۋىدىئودا سۆزلەنگەن ،كۆرستىلگەن مەزمۇن، مەنزىرە ئۇيغۇر ئومۇمى مەنزىرسى،ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن ئۇيغۇنمۇ؟ 

5-ۋىدىئوغا چۈشەنچە يېزىش 

(بۇ چۇشەنچە-سوسيال مدىيادا تارقىتىش ئۇچۇن قسقا يېزىلىدۇ،خەۋەر قىلىش ئۈچۈن تولۇق ۋە تەپسلى يېزىلىدۇ)

1-ۋىدىئوغا بولۇۋاتقان مەزمۇنلارنى ئەينەن،كۆپتۈرمەي تۇرۇپ،توغرا، سۈپەتلىك يەتكۈزۈش:

مسالى:تېمىسى :«ختتاي قەشقەردە ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى چاقماقتا»،

مەزمۇنى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ختتاينىڭ سوسيال مدىيا ئەپلىرىدىن ئىگەللىگەن، ۋەتەندىن تارقىتىلغان ۋىدىئولاردىن ئىگەللىشچە، ختتاي دائىرلىرى 2022-يىلى 15-سىنتەبىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت شەھەرلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى قەشقەر شەھىرىدە ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بەلگىلىرىدىن بىرى بولغان قەدىمى ئىمارەت شەكلىدىكى ئۆي-تۇرالغۇلارنى چېقىشنى باشلىغان.

ئۇيغۇر ئاگېىنىتلىقى ئىگەللىگەن مەزكۇر ۋىدىئو (ئۇلىنىشى يوۋتۇبقا بىرىلىدۇ، ۋە ماقالە ئارسىغا يوۋتۇب ئۇلىنىشى بىرىلىدۇ) نى  كانادانىڭ تورۇنتۇ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق قەشقەرلىك تۇرسۇنجان كۆرۈپ، ۋىدىئودا كۆرستىلگەن ئۆي-تۇرالغۇنىڭ قەشقەر شەھەر چاسا مەھەللىدە ئىكەنلىكىنى دەلىلللەپ بەردى.  

ختتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت تارقاتقان بىر ھۈججەتتە بىلدۈرىشچە، خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى چېقىش، رەتلەش ۋە يېڭىدىن سلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولۇپ،يەرلىكلەر ۋە ئۆي ئىگىلىرىنىىڭ ماسلىششنى تەلەپ قىلغان.ئەمما ۋىدىئودا كۆرستىلشىچە،  چېقىلىۋاتقان ئۆي يېڭى، كۈچلۈك بولۇپ، ھىچقانداق خەتەرگە دۇچ كەلگەنلىكىدىنىڭ ئالامەتلىرى يوق.ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا ئۆز پىكىرىنى  بەرگەن ئەخمەتجاننىڭ بىلدۈرشىچە، مەزكۇر سياسەت ختتاينىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت شەھىرى بولغان قەشقەردىكى مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى يوقىتىش، قەشقەرنى ختتايلاشتۇرۇش،ئۇيغۇرسزلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشنىڭ بىر تۇرى بولۇپ، ختتاينىڭ 2017-يىلى باشلىغان ئۇيغۇرلارنى ئاسسلماتسيە ۋە قىرغىن قىلىشتىكى سياسەتلىرىنىڭ داۋامى ئىكەن.»

Uyghur Reporter

Next Post

ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى پورتۇگالىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

دۈ ئۆكتەبىر 3 , 2022
ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى پورتۇگالىيە پارلامېنتىدا شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەققىدە گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئېلىپ باردى

You May Like