تاراتقۇلار: ياۋروپا ئېتتپاقى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى چەكلەشتە ئامېرىكىدىن كىين قالماقتا

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 4-مارت

نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن پولىتكو ياۋروپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئېتتپاقى مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش جەھەتتە ئامېرىكىغا يتېشەلمىگەن.

ياۋروپا ئېتتپاقى ناھايتى ئۇزۇن كېچىككەندىن كىېين يېقىندا ماقۇللاش ئالدىدا تۇرغان مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى -ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئۇ ختايغا ئۈنۈملۈك زەربە بىرەلمەيدىكەن.

ئامېرىكا ياۋروپا ئېتپاقىنى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەشكە چاقىرغىلى بەش يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ياۋروپا ئېتتپاقى تېخىچە ئامېرىكا ماقۇللاپ يولغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى» سەۋىيسدىكى كۈچلۈك قانۇن ماقۇللاپ چىقالمىغان.

ياۋروپا ماقۇللىماقچى بولغان قانۇن 2022-يىلى ياۋروپا كومېتىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق نشانى ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتشلىق مەھسۇلات ۋە شركەتلەرگە زەربە بىرىدىكەن.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز يېقىندا يازغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرى ئەمگىكى 2023-يىلىمۇ ئىزچىل كۈچەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار داۋاملىق قۇل قىلىنماقتا ئىكەن.

پولتىكونىڭ ئىلان قىلىشىچە، مۇتەخەسسلەر ختاي كەم بولغاندا، 1 مىلىيون 500مىڭ ئۇيغۇرنى مەجبۇرى ئەمگەككە سالىدىكەن.ھازىرغىچە بۇ ساننى ئەينەن ئىنىقلاش مۇمكىن ئەمەس.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

«ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» دەرسلىك كىتابلىرى نەشردىن چىقىش ئالدىدا

چا مارت 6 , 2024
تۆۋەندىكى مەزمۇن «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى»ئېجتىمائى تاراتقۇ ھېساۋىدىن ئىلىندى. «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» 2020 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتىدا تولۇق ئوتتۇرىغىچە تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى دەرسلىكلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشىدەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، بىر يۈرۈش ماتېرىياللارنى تەييارلاپ كەلگەنىدى. 2023 […]
ئ‍ۇيغۇر تىلى

You May Like