ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خادىملىرى ئۆزىنىڭ ئاخبارات سەزگۈرلۈكىنى تۆۋەندىكى ساھەلەردە ئۆستۈرۈشى كىرەك.
تۆۋەندى ھەپتە ۋاقىت بىرلىكى قىلىندى، بۇ ساھەلەر كۈندىلىك،ھەپتىلىك،ئايلىق ،يىللىق ۋاقىت بىرلىكى بويىچە ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى كىرەك.
1—ۋەتەن ۋەزىيتى:
1)-بۇ ھەپتىدە ختتاي ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانداق سياسەتلەرنى يولغا قويدى ياكى داۋاملىق يولغا قويۇۋاتىدۇ؟
2)-بۇ ھەپتىدە ختتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، ختتاي تاشقى ئشلار منسترلىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانداق باياناتلارنى ئىلان قىلدى؟
3)-بۇ ھەپتىدە ختتاي تاراتقۇلىرى ۋە سوتسيال مېدىيالىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانداق خەۋەرلەر،مەزمۇن ۋە ئۇچۇرلار بار ؟
2—خەلقئارا ۋەزىيەت:
1)-بۇ ھەپتىدە ھەر قايسى دۆلەتلەردە شۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانداق قوللاشلار،ختتايغا قارشى قانداق ھەرىكەتلەر بولۇۋاتىدۇ؟ قايسى دۆلەتلەر ۋە قايسى ھۆكۈمەتلەر ختتاينى قوللاش،ئۇيغۇرلارغا قارشى سياسەتلەرنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ؟
2)-بۇ ھەپتىدە قايسى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار مەسلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى،كىشلىك ھوقۇقنى كۆزىتش تەشكىلاتى،خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى،ئەركىنلىك سارىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانداق دوكلات ۋە باياناتلارنى ئىلان قىلدى؟
3-مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرى:
1)- بۇ ھەپتىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇھىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق پائالىيەت ۋە ھەرىكەت ئىلىپ باردى؟
2)-بۇ ھەپتىدە دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارسىدا مەدەنىيەت،ئىلىم–پەن، تەنتەرببيە ساھەسىدە قانداق ئىلگىرىلەشلەر بار ؟
3)-بۇ ھەپتىدە يەككە ھالەتتە ۋەتەن–مىللەت ياكى يەرلىك جەمئىيەت ياكى شەخسى ھاياتىدا كۆرىنەرلىك تۆھپە كۆرسەتكەن شەخسلەر قايسلار ؟