گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: ئۇكرائىنادىن كەلگەن ھەرقانداق دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىدۇ

گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: ئۇكرائىنادىن كەلگەن ھەرقانداق دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىدۇ

 گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: ئۇكرائىنادىن كەلگەن ھەرقانداق دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 6-مارت

يۈسۈپجان

گېرمانىيە ئاۋازى تورى 6-مارت خەۋىرى: گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى Nancy Faeser بۈگۈن «سۈرەت» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنادىن قېچىپ چىققان ھەرقانداق دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مۇساپىرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «سۈرەت» گېزىتى بۈگۈنكى سانىدا مىنىستىرنىڭ گېپىنى نەقىل ئېلىپ مۇنداق يازغان :« بىز ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى خالايمىز، بۇنىڭ پاسپورت بىلەن ئالاقىسى يوق».

پولشا بىلەن گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇكرائىنادىن جەمئىي 780مىڭ 730 كىشى پولشاغا قېچىپ چىققان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن تەخمىنەن 30مىڭغا يېقىن كىشى گېرمانىيە چېگراسى ئىچىگە كىرىپ پاناھلانغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن بۇرۇن «ب د ت » نىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئاق تەنلىك ئەمەس كىشىلەر ئۇكرائىنادىن قېچىپ چىققان ۋاقتىدا باشقىلارنىڭ ئىرقى كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىك مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان.

Nancy Faeser  سۆزىدە مۇنداق دېگەن: « مۇتلەق كۆپ قىسىمدىكى قېچىپ چىققان مۇساپىرلار ئۇكرائىنا گىراژدانلىرىدۇر، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقا دۆلەتتىن كەلگەن، ئۇكرائىنانىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇراق كارتىسىغا ئېرىشكەن كىشىلەرمۇ بار. ئۇكرائىنادىن قېچىپ چىققان ھەرقانداق كىشىلەر مۇرەككەپ بولغان تەكشۈرۈش باسقۇچلىرىنى ئۆتۈشى ھاجەتسىز، نۆۋەتتىكى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئۇكرائىنادىن كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەمكارلىقلىرى تارىخى خارەكتىرىلىك ھەمكارلىق.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى 3-مارت قارار ماقۇللاپ ئۇكرائىنا مۇساپىرلىرىنى ۋاقىتلىق قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىنمۇ ئامېرىكىدىكى ئۇكرائىنالىقلارغا ۋاقىتلىق پاناھلىق بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. 

«گېرمانىيە ئاۋازى» رادىئوسى تورىدىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي مۇستەھكەم ھالدا غەربكە قارشى رۇسىيەنى داۋاملىق قوللىيالامدۇ-يوق؟

يە مارت 6 , 2022
خىتاي مۇستەھكەم ھالدا غەربكە قارشى رۇسىيەنى داۋاملىق قوللىيالامدۇ-يوق؟

You May Like