Home ماقالىلارئانالىزلار ئۇيغۇرىئان ئانالىزى: غەرپ ئۇكرائىنانى قوغدىمىدى، تەيۋەننى قوغدامدۇ؟

ئۇيغۇرىئان ئانالىزى: غەرپ ئۇكرائىنانى قوغدىمىدى، تەيۋەننى قوغدامدۇ؟

by Uyghur Reporter

 سىياسىي ئانالىز: غەرب ئۇكرائىنانى قوغدىمىدى، تەيۋەننى قوغدامدۇ؟

غەرب رۇسىيەدىن قورقتى،خىتايدىنچۇ؟

ئاپتورى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇرۇشتىن بۇرۇن:

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگىلى ئىككى ئاي بولدى. رۇسىيە 190مىڭ ئەسكەر بىلەن ئۇكرائىنانى ئۈچ تەرەپتىن قورشىغانىدى. ئۇرۇش باشلانسا، ئامېرىكا ۋە ناتوغا تەھدىت بولاتتى. مۇساپىرلار ياۋروپانى قاپلايدۇ، ئىقتىساد ئۆلىدۇ، ھەتتا رۇسىيە يېقىلغۇنى توختىتىدۇ. بەلكىم ئۇرۇش ياۋروپاغا كېڭىيىشى مۇمكىن. شۇڭا ئامېرىكا ۋە غەرب دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى يەتكۈچە قىلدى. خەلقئارادا پۇتىنغا كۆپ چاقىرىقلار بولدى، ئىقتىسادى جازا ھەققىدە تەھدىتلەر سېلىندى.  

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى كۆپ تەرەپلەرگە مۇراجىئەت قىلدى، ناتوغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو : ئەگەر بىز ئۇكرائىنانى ناتوغا قوبۇل قىلساق، ئۇكرائىنا ئۈچۈن رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشقا مەجبۇر بولىمىز دەپ يىللاردىن بېرىقى تەلەپنى رەت قىلدى. مىليونلىغان ئۇكرائىن خەلقىنىڭ تۈرلۈك چاقىرىقلىرى، تېرىشچانلىقى،تىنچلىقپەرۋەرلىكى قەيسەر ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكى شەخسىيەتچىلىك ۋە سوغۇققانلىققا تولغان دۇنيانى تەسرلەندۈەرلمىدى.

ئامېرىكا بولسا، بىز ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئۇرۇش قىلمايمىز، پەقەت رۇسىيەگە قارشى ئىقتىسادى ھەرىكەت قوللىنىمىز دېدى.

 ئۇرۇش باشلاندى:23-فېۋرال

ئەمما پۇتىن بۇلارغا پەرۋا قىلمىدى.

پۇتىن 23-چېسلا ئېلان قىلغان نۇتقىدا: « ئۇكرائنا-روسيەنىڭ بىر قىسمى ، ھەر قاندىقىڭ ئالدىمغا چىقساڭ، ئۆمرۈڭدە كۆرمىگەننى كۆرسىتىمەن» دەپ ئەينەن تەھدىت سالدى.

 23-فېۋرال ئۇكرائىنا ۋاقتى سەھەر سائەت 5:00 دە رۇسىيە دەرۋەقە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلدى.

رۇسىيە قوشۇنلىرى بېلارۇسىيە، شەرقى ئۇكرائىنا تەرەپتىن ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيەسىنى ئىشقا سېلىپ پايتەختكە يېقىنلاپ كىرمەكتە، چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش رېئاللىققا ئايلانسىمۇ، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ئارقىغا چېكىنمىدى، ھەتتا پايتەختتىن ئايرىلىشنىمۇ خالىمىدى.

ئۇرۇشتىن كېيىنكى غەربنىڭ ئىنكاسى:

ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن كەڭ غەرب دۇنياسى رەھبەرلىرى رۇسىيەنى ئەيىبلىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن رۇسىيەنى ئەيىبلىدى. ئەمما ئامېرىكا ھەربىي جەھەتتە رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىقتىساد جازا قوللىنىمىز دېگەن جازالار تۈرىدە ئەڭ مۇھىم بولغان جازا تۈرىنى ئېلان قىلمىغانلىقى ئاق سارايدىكى بارلىق مۇخبىرلارنى ھەيران قالدۇردى.

ئاق ساراي ئېلان قىلغان جازا تىزىملىكىدە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا  بۇرۇن ۋەدە قىلغان رۇسىيەنى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئاغدۇرۇش سىستېمىسى سىۋىفىتتىن چېكىندۈرۈش تۈرى يوق، يەنى رۇسىيەگە قارشى ھەربىي جازامۇ قوللانمايمىز، ھەتتا ئىقتىسادى جازانىڭ ئەڭ قاتتىق بولغاننىمۇ قوللانمايمىز. بۇ غەربنى كۆزىتىپ كەلگەنلەرنى ھەيران قالدۇردى،بايدىن ھۆكۈمىتىنى يۇمشاق قوللۇق بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلار ئەزەلدىن كۆپ ئىدى، ئەمما بۇ قېتىم تېخىمۇ كۆپ بولدى.

«نېمە ئۈچۈن سېۋىفىت جازاسىنى قوللانمايسلەر؟»دىگەن سۇئالغا بايدىن: «چۈنكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلدى» دېدى. كىيىن گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان زىچ ئىقتىسادى باغلىنىشنى كۆزدە تۇرۇپ،سىۋىفىتنى توسۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى. دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا شۇكى: ياۋروپا رۇسىيەنىڭ پەقەت تەبىئىي گازىغا تايىنىدۇ، ئەمما خىتاينىڭ چوڭ بازىرى، مەبلىغى ۋە تېخنىكىسىغا تايىنىدۇ. ياۋروپانىڭ خىتايغا بولغان تاينىشى-خەۋپسزلىكنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ،زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن. 

خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ گېوپولىتىك ئويۇنلىرى:

رېيتېر خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى  رۇسىيە بېجىڭدا خىتاي بىلەن  117 مىليارد دوللارلىق توختام تۈزگەن. بېيجىڭدا پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پۇتىنمۇ شى جىنپىڭغا يۈز بەردى، پۇتىن تاكى بېيجىڭ ئولىمپىكى تۈگىگەنگە قەدەر سۈكۈت قىلدى، ئولىمپىك تۈگىگەندىن كېيىنلا ئۇرۇش باشلىدى.

پۈتۈن رۇسىيە دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى خىتاينىڭ پەقەت گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىغا تەڭ بولۇپ، ئامېرىكا رۇسىيەنى قىرىمنى بېسىۋالغاندىن كىيىن ئىقتىساد جازالاپ، تەرەققىياتنى چەكلىگەن ئەمما خىتاي ئۇزۇندىن بىرى رۇسىيەنى ئىقتىسادى جەھەتتە يۆلەپ، ئامېرىكا ۋە غەربكە تاقابىل تۇرۇشتا قوللىنىپ كەلمەكتە.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كىيىن، پۈتۈن دۇنيا رۇسىيەنى ئەيىبلەۋاتقان چاغدا، خىتاي رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئامېرىكا ۋە ناتو بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش جەريانى خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىدىكى كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى، ھەمكارلىقى ۋە بۇ جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تولۇق كۆزىتىش، قانداق ، قاچان قول سېلىش ھەققىدە يېتەرلىك كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش پۇرسىتى بەردى. تەھلىلىمىزنىڭ خاتا ئەمەسلىكى شۇ يەردىكى، خىتاينىڭ بارلىق تاراتقۇلىرى غەربنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى سائەت، مىنۇتلاپ ئانالىز قىلىپ ماڭماقتا.

ياۋروپا ئىقتىسادى جەھەتتە رۇسىيە بىلەن باغلىنىشى خىتاي بىلەن باغلىنىشىدىن نەچچە ھەسسە ئاجىز ۋە ئاز، ئەگەر خىتايغا جازا قوللىنىشقا توغرا كەلسە قانچە دۆلەت ئورنىدىن تۇرالايدۇ؟

ئامېرىكا ئۆتكەن ئۈچ يىلدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تۈپەيلى خىتاينى قاتتىق جازالاش مەسىلىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ تەمىنى تېتىدى.

ئامېرىكا كۆزەتكۈچىلىرى: خىتاي ياۋروپانى ئاللىقاچان ئىچىدىن بۆلۈپ بولدى، ئىتالىيە،گېرمانىيە، فىرانسىيە، گىرېتسىيە، ئىسپانىيە، ۋېنگىرىيە دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن ئىقتىسادى ئالاقىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەپ كەلدى.

ئۇكرائىنا بىلەن تەيۋەننىڭ پەرقى:

ئۇكرائىنا تەيۋەنگە قارىغاندا چوڭ خەلقئارالىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە:

1-ئۇكرائىنا بىر مۇستەقىل دۆلەت، ب د ت ئورنى بار دۆلەت،خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە يېغىن چاقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە.

تەيۋەن مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.ب د ت دا دۆلەتلىك ئورنى يوق.

2-ئۇكرائىنانىڭ خەۋپسىزلىكى بىۋاسىتە ياۋروپاغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇكرائىنا ياۋروپادا، ئەمما تەيۋەننىڭ خەۋپسىزلىكى ياۋروپاغا بىۋاسىتە گىئوپولىتىكىلىق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى تەيۋەن ئاسىيادىكى بىر ئارال .

3-ئۇكرائىنا مىللىتى ياۋروپا مىللىتى، ئاھالىسى خرىستىئان، تەيۋەن بولسا ئاسىيا مىللىتى،

4-ئۇكرائىنانىڭ تۆھپىسى:  ئۇكرائىنا دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كەچكەن. تەيۋەندە يادرو قورالى يوق.

5-ئۇكرائىنا دېموكراتىك دۆلەت، تەيۋەنمۇ دېموكراتىك تۈزۈلمە.

6-ئۇكرائىنا-2014-يىلى قىرىم  ئىشغالىدىن كېيىن، شەرقى  ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ كەلگەن چېگرا تام ھېسابلىنىدۇ، تەيۋەننىڭ بۇنداق رولى يوق.

7-ئەگەر ئۇكرائىنا قولدىن كەتسە،ياۋروپا خەتەر ئىچىدە قالىدۇ. مۇساپىرلار ياۋروپانى قاپلايدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىناۋىتى چۈشىدۇ. تەيۋەندىن بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەمما بۇلارغا قارىماستىن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئۇكرائىنانى قوغدىمىدى،سەۋەبى:رۇسىيەگە قارشى ھەربىي ئۇرۇش قىلىش ئەخمىقانىلىك ۋە ئاپەت.

ئۇنداقتا غەرب ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، تەيۋەننى قوغدامدۇ؟

بۇ ئىككى ئامىلغا باغلىق:

بىرى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ۋە بۇ كۈچ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاپەتلەر.

خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچى ۋە ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىقتىسادى زىيانلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى؛

يەنە بىرى، تەيۋەننى قوغدىسا ئېرىشىدىغان پايدا ۋە تارتىدىغان زىيان.

ئۇنداقتا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئۇكرائىنانى رۇسىيەدىن قورقۇپ قوغدىمىدى، تەيۋەننى قوغدامدۇ؟

خىتاي رۇسىيەدىن ھەربىي جەھەتتە ئاجىزمۇ؟ خىتاي ئىقتىسادى جەھەتتە ئاجىزمۇ؟

بۇ نۇقتىدا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى:

2021-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېلان قىلغان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت دوكلاتىدا، خىتاي ئۇدا ئىككى يىل رۇسىيەدىن كۈچلۈك ھەربىي كۈچ بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق رىقابەتچىسى ھېسابلىنىپ كەلمەكتە،كونكرېت قورال تىپى جەھەتلەردە، خىتاي بەزى يېڭىلىقلارنى رۇسىيەدىن سېتىۋالىدىغانلىقى سىر بولمىسىمۇ، ئەمما ھەل قىلغۇچ تىپلىق يادرو قوراللىرى، ئارتىللىرى، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەسىدە خىتاي رۇسلاردىن ئالدىدا تۇرىدۇ.

ئىقتىسادى جەھەتتە، رۇسىيە خىتايدىن كۆپ ئاجىزلىقىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ تەيۋەننى قوغداش قوغدىماسلىقى بىر ئامىلغا باغلىق:

شۇنچە كۈچلۈك يادرو قورالى، ئارمىيە ۋە ئىقتىسادى تەسىرگە ئىگە دۆلەت بىلەن ئۇرۇش قىلىشمىز ئۈچۈن بىزنى نورمال تەپەككۇردىن ھالقىيدىغان بىر نەرسە لازىم بولىدۇ، ئۇ نەرسە نېمە؟ ئۇ نەرسە بەلكىم بىرەر گېنېرالنىڭ بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلىشى، ياكى پرېزىدېنتنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىشنى شەخسىيىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قاراپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى.

بۇ قاراشنىڭ ئاساسى شۇكى، ئامېرىكا ئۆتكەن 50 يىلدىن بىرى، تەيۋەننى ئوخشاش ھالدا بىر ئارال سۈپىتىدە تونۇپ كەلدى، بىر جاسارەت بىلەن مۇستەقىل دۆلەت دەپ جاكارلىيالمىدى.

ھەتتا ھېچقانداق بىر پرېزىدېنت يۈرەكلىك ھالدا، تەيۋەن لىدىرى بىلەن كۆرۈشەلمىدى. پرېزىدېنت تىرامپ 2016-يىلى سايلامدا ئۇتقاندا، تەيۋەن پرېزىدېنتى بىلەن تېلىفۇنلاشقانغا ئامېرىكا ئىچىدە تەنقىدكە ئۇچراپ، تاكى تۆت يىل ئىچىدە بىر قېتىممۇ تىلفۇنلىشالماي ئاق سارايدىن ئايرىلدى. مۇخبىرلار يېقىندا  بايدىندىن ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، تەيۋەننى قوغدامسلەر؟-دەپ سورىغان سوئالغا بىر جۈملە :« ھەئە» دەپ  جاۋاب بەردى،ئەمما بۇ قوغداشنىڭ ھەربىي جەھەتتە قايسى دەرىجىدە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.

ئامېرىكىنىڭ نىكسون دەۋرىدىن باشلانغان تەيۋەنگە تۇتقان «ئېنىقسىزلىق»دىپلوماتىيە سىياسىتى يېقىندا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ، تەيۋەننى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە چاقىرىقلار كۆپەيمەكتە.

ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى ۋە ياۋروپادا زوراۋانلىق قىلىشى، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى تېخىمۇ باغلايدۇ ۋە ناتونى كۈچەيتىدۇ. ئەگەر ناتو بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتىن ساۋاق ئالسا، رۇسىيەنىڭ ئارقا تېرىكى خىتاينىڭ يىراق مۇساپىلىك ئىستراتېگىيە نىشانىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىنى ئاتلانتىك ھالقىغان ئىتتىپاقنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا ئايلاندۇرالىسا، خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىلىشى دۇنيانىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىيامەت بولىدۇ دېگەن ئېنىقلىمىنى ئورتاق تونۇشقا ئايلاندۇرالىسا، بەلكىم قوغداش ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشى مۇمكىن، ئەمما قوغداش دىگەنلىك-زور دەرىجىدە قوغداش كۈچىگە تايىنىدۇ.

 

 

 

 

مۇناسۋەتلىك تېمىلار