ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا پارلامېنتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرمەكتە.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 31-يانۋار

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى-تايلاند تۈرمىسىدىكى مەھبۇس ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ تىرىشچانلىق قىلغان ئورگانلاردىن بىرىدۇر.

نۆۋەتتە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن فىرانسىيەنىڭ ياۋروپارلامېنىتغا ئەۋەتكەن پارلامېنىت ئەزالىرى تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشنى ياۋروپا پارلامېنتىغا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتا.

مەزكۇر ئىنستىتۇت دەسلەپتە، «تايلاند 10 يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلۈكىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك» نامىدا خەت ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە پارلامېنىت ئەزالىرىنى ئىمزا قويۇشقا چاقىرىغان. 44 نەپەر فىرانسىيە ياۋروپارلامېنىت ئەزالىرى ۋە مىللىي مەجلىس ئەزالىرى بىرلىكتە مەزكۇر ئىنستىتۇت تەييارلىغان تايلاند ئۇيغۇرلىرىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى خەتكە ئىمزا قويۇپ، داڭلىق ژورنال «ئازاتلىق» نىڭ تور نۇسخىسى ۋە باسما نۇسخىسىدا ئېلان قىلغان. پارلامېنىت ئەزالىرى تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇرنى ياۋروپاغا يەرلەشتۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان.

24-يانۋار كۈنى، مەزكۇر ئىنستىتۇت ياۋروپا پارلامېنىت ئەزالىرىدىن رافائىل گىرۇكسمان ۋە بەغناغ گېتتا قاتارلىقلار بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. فىرانسىيە پارلامېنىت ئەزاسى ئېمانۇئەل ئەگۇۋاخ پارلامېنىتتىكى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ فىرانسىيەنىڭ بۇ تەكلىپىنى سۇنۇشى ئۈچۈن كۈچەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئىنستىتۇت رەئىسى دىلنۇر رەيھان 23-يانۋار مەزكۇر خەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى پارىژدىكى تايلاند ئەلچىخانىسىغا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەرگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى مەدىنەي باۋۇدۇننىڭ ئەسەرلىرى ۋە يىڭى ئىجادىي ناخشىلار ئالقىشقا ئىرىشمەكتە

يە فېۋرال 9 , 2025
مەخسۇس ئ‍وبزورچىمىز ئ‍سيان ماقالىسى، 9-فېۋرال ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا تونۇلغان شائىرلىرىدىن بىرى بولغان مەدىنەي باۋۇدۇننىڭ شېئىرلىرى ئۇيغۇر ياش مۇزىكانىتلار تەرىپىدىن ناخشا قىلىپ ئىيتىلغاندىن كىيىن.كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى.مەدىنەي باۋۇدۇن قەلەمگە ئالغان «سېغىندىم» ناملىق شېئىر قازاقىستاندىكى تونۇلغان مۇزىكانت ئېليار مۇشۇروف تەرەپدىن نوتىغا سېلىنىپ، ئۇيغۇر تېياتىرىنىڭ سابىق سەنئەتكارى، ياش ۋە تونۇلغان ناخشىچى شەھمۇراد باھاموف تەرەپدىن ئىجرا […]
medine bawudun

You May Like