ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما ئاپتورنىڭ رۇخستى بىلەن ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە قانىلى سوسيال مېدىياسدا ئىلان قىلىندى، مەزمۇنى -ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بۇ يىل خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر دىئاسپورا ھەرىكىتىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن چىقارغان يېڭى تاكتىكىسى بولغان «ۋىزا بېرىش ۋە ۋەتەنگە بېرىشنى ئېچىش» كە خۇددى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، فىرانسىيەدىمۇ ئاۋاز قوشقان خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنى ئاڭلاشقا […]

ئانالىز: تۇنجى نۆۋەتلىك«ختاي-ئ‍وتتۇرا ئاسيا رەھبەرلەر يېغىنى»-ختاينىڭ «يەر شارى قارا ستراتېگىيە»سنى ئاشكارلىدى.

بۈگۈن يەنى 9- ماي نورۋېگىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتى ئافتىن پوستىننىڭ مۇقاۋا بېتىگە «پارلامېنت ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەرنى بىلىشنى خالىمايدۇ» تېمىسدا خىتاينىڭ ناتسىست لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بىر ماقالە ئېلانى بېرىلگەن بولۇپ…

ئوبزور: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى 40 يىل ئالدىغان تاكتىكىسى: ئاجىز ۋە قالاق كۆرۈنۈش ۋە بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇل ئوينىشى

يېقىنقى مەزگىللەر ئىچىدە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا يۈز بەرگەن ئانورمال ھادىسىلەر كەمىنەنى بۇ كونا خاماننى قايتا سورۇپ، بۇھەقتە قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ بەز ھادىسىلەر يۈر بەرمەكتە ۋە بۇنىڭ ئاقىبىتىدىن نەسىۋىسىنى ئالىدىغانلار شەكسىز ئەسىر شەرقى تۈركىستان ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردۇر!

مەن ئەخمەتجان ئىسمايىلنى ئەسەرلىرى، قىلىقى ۋە قىلىۋاتقانلىرىدىن ياخشى تونۇيمەن. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قېتىم خىتايپەرەس بىخەتەر پىكىرلەرنى بازارغا سېلىشىدىن ھەيران قالمىدىم. مەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن «شەرقى تۈركىستان قۇرۇلمايدۇ» دېگەن كىتابىنىڭ ئېلانىنى كۆرۈپمۇ پەقەتلا تاسادىپىلىق، كۈتۈلمىگەنلىك ھېس قىلمىدىم