بايانات:  ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خاماسنىڭ بىگۇناھ ئ‍سرائىلىيە پۇقرالىرىغا قىلغان تىرورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىپلەيدۇ

7-ئۆكتەبىر

بۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى 7-ئۆكتەبىر شەنبە سەھەردە، تىرورلۇق تەشكىلات خاماس ئ‍سرائىلىيەگە قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇدىن ھۇجۇم قىلىپ،  يۈزلىگەن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشى، يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خاماس يەنە بالىلار ۋە ئاياللارنى ئەسرگە ئالغان بولۇپ، ئاياللارنى يالىڭاچلاپ، ماشنىدا سۆرەپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ماڭغان كۆرۈنۈش ياۋايىلىقتۇر ۋە ئ‍نسانىيلىققا خىلاپتۇر.

يىللاردىن بىرى خاماس-ئىران، روسيە ۋە ختاي بىلەن ئاشكارا ياكى مەخپى ھەمكارلىشپ، قورال،تېخنىكا ۋە ئېقتسادى جەھەتتە ياردەم قوبۇل قىلدى. تىرورلۇق ھۇجۇم ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق تىچلىقنى بۇزۇپ، پەلەستنلىكلەرنىڭ ۋە ئ‍سرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھاياتى، تىچلىقى ئۈچۈن زور ئاپەت ئىلىپ كەلدى.

خاماس تەشكىلاتى ۋە فاتاخ تەشكىلاتى يتەكچىلىكىدىكى پەلەستىن دائىرلىرى يىللاردىن بىرى ختتاي ھاكېمىيتى بىلەن ھەمكارلىشپ، ختاينىڭ ئۇيغۇرستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك ۋە قىرغىنچىلىق سياسىتىنى قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھاياتى ۋە مىللى مەۋجۇتلۇقىغا پۈتۈنلەي قارشى يول تۇتۇپ كەلدى.

ئۇيغۇر خەلقى-يەھۇدى خەلقىگە ئوخشاش، ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى.يىللاردىن بىرى يەھۇدى خەلقى، يەھۇدى تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خەلقئارا سەھنىلەردە ، غەرپتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلدى.بىز ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارغا رەھمەت ئىيتىمىز.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى-خاماسنىڭ ۋەھشيانە تىرورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ زىيانلىرىغا ئۇچرىغان بارلىق بىگۇناھ ئ‍سرائىلىيە خەلقىگە، خاماسنىڭ زوراۋانلىقى نەتىجىسدە كىلىپ چىقققان ھەربى ھەرىكەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بىگۇناھ ۋە ئاجىز پەلەستىن خەلقى، بالىلىرى ۋە ئاياللىرىغا ھسداشلىق قىلىدۇ.

uyghurtimesuyghur

One thought on “بايانات:  ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خاماسنىڭ بىگۇناھ ئ‍سرائىلىيە پۇقرالىرىغا قىلغان تىرورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىپلەيدۇ

  1. خاماس رەھبىرى ھانىيا قاتاردا بەش يۇلتۇزلۇق سارايلاردا يانچۇقىدا نەچچە مىليارد دوللار بار، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ياشاۋاتىدۇ. گازادا كىم ئۆلۈۋاتىدۇ خىيالىغا كىرىپ قويمايدۇ، يالغاندىن بېرىۋاتقان باياناتىغا گول بولمايلى. بۇ دىن دەججاللىرى تاماشا بىلەن ئالدىراش باشقىلارنى جەننەتكە دەۋەت قىلىپ كۆنەپ قالغان. تاياقنى سەن يەيسە پايدىنى ئۇ ئالىدۇ دېگەن سىياسەت مۇشۇشۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئىككى مىڭدىن ئاشقان

يە ئۆكتەبىر 8 , 2023
يۈسۈپجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىر خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 7-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ غەربى شىمال رايونلىرىدا 6.3 بال دەرىجىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن. 8-ئۆكتەبىر تالىبان ھۆكۈمىتى باياناتچىسى زەبىھۇللا مۇجاھىد ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات بېرىپ مەزكۇر ئاپەتتە 2053 نەپەر كىشىنىڭ قازا قىلىپ 1240 نەپەر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. […]

You May Like