ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قوللىغانلار -ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ئ‍ەمەس!

ئەكرەم ئۇيغۇر

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئ‍نسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھىشى جىنايەت-ئىرقى قىرغىنچىلىق 7 يىلدىن بىرى داۋاملىشۋاتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈمىگە شىرىك بولۇشىنى تاللىغان ھەر قانداق جىنايەتچىلەرنىڭ شەرەپسز نامى ئ‍نسانيەت تارىخىدىن ھەرگىز ئۆچمەيدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ دات-پەريادى، يېغا-زارى،قان-زەردابلىرىنى يالغانغا چىقارغانلار، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە بىلەت تاشلىغانلار -نە ئەخلاق، نە دىن، نە ئىمان، نە ئ‍نسانلىقتىن نەسۋىسى بولمىغان كوللىكتىپ جىنايەت شىرىكلىرىدۇر.

«ئۇيغۇرلار تىرورچى، ختاينىڭ باستۇرۇشى توغرا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يالغان» دىگەنگە ئىمزا قويغان ھەر قانداق دۆلەت، ھەر قانداق تەشكىلات، ھەرقانداق دىن، ھەرقانداق ئىرق، ھەر قانداق دۆلەت بىزنىڭ دوستىمىز ئەمەس، قىرىندىشىمىز ئەمەس.

بىزنىڭ قىرغىن قىلىنىشىمىزنى ئوچۇقتىن ئوچۇق قوللىغان بىرى- قانداقسگە بىزنىڭ دوستىمىز بولالايدۇ؟

« سەن تىرورسىت، ختاي ياخشى، سەن ئۆل »دىگەن بىرسى قانداقسىگە بىزنىڭ قىرىندىشمىز بولالايدۇ؟

بىز ئ‍نسان ئەمەسمۇ؟ بىز مۇسۇلمان ئەمەسمۇ؟

بىز كۆردۇقكى، بۇ 72 دۆلەت يىللاردىن بىرى ھەتتا ختاينى ئەيىپلەشنىمۇ رەت قىلدى، ئەگەر قوشۇلغان بولسا، ختاينى تەكشۈرۈش، جازالاشقا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايەتنى توختىتىشقا مەجبۇرلاشقا چوڭ قەدەم ئىچىلغان بولاتتى.

تىز سۈرئەتتە ئۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈمىنى ئاستىلاتقىلى بولاتتى.

ئەكسچە، ئۇلار ئاتالمىش ساختا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە بۇ جىنايەتچىلەر-ختاينىڭ ئ‍نسانىيەتكە قارشى ۋەھشى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى قوللاپ، ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ئۆلتۈرۈشكە يېشل چىراق ياقتى.

نىمە ئۈچۈن؟

پەقەت بىرلا نەرسە: ئۆزىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت مەنپەئىتى ئۈچۈن!

ئۆز دۆلىتىنىڭ ختاي بىلەن بولغان ئېقتسادى، دىپلوماتىك، تېخنىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ، يەنە مەنپەئەتلىك مۇناسۋىتى ئۈچۈن!

دىمەك 72 دۆلەت ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن بىر ئۇيغۇرنىڭ دۇنيادىن تەلتۆكۈس يوقىلىشقا پەرۋا قىلمايدۇ، ھەتتا ئۆلۈشىگە بىلەت تاشلايدۇ.

ئەي دۇنيا، سلەر گۇۋاھ بولۇڭلاركى، ختاي ھۆكۈمىتى ۋەيران قىلغان مەسجىدلەر، كۆيدۈرگەن قۇرئانلار ۋە كىتاپلار، تۈرمىگە تاشلىغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن دىنى ئالىملار ۋە تەقۋادار بىگۇناھ خەلق، ۋەيران قىلغان مەكتەپ ۋە مەدەنىيەت، باسقۇنچىلىققا ئ‍ۇچرىغان ئۇيغۇر ئاياللار، ختايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ قان سورىقى بولىدۇ!

ختاي جىنايەتچلىرىدىن شۇنداقلا ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى قوللىغان ھەر قانداق غەرپ ، شەرق، مۇسۇلمان، تۈرك، ئەرەب… ھەر قانداق قاتىل شرىكىنىڭ ھساۋاتى بولىدۇ.

ھەي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈمىنى قوللىغان 72 دۆلەت! بىز سلەرنى ئۇنۇتمايمىز!

uyghurtimesuyghur

One thought on “ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قوللىغانلار -ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ئ‍ەمەس!

  1. باشقىلاردىن ئاغرىنىشنىلا قويۇپ مۇشۇ ئىشلارنى كۆرۈپمۇ يەنە ئەقلىنى تاپماي خەقنىڭ قوڭىغا يۈزىمىزنى چاپلاپ يۈرگەن ئۆزىمىزدىنمۇ ئازراق ئاغرىنىپ قويايلى. ئاتالمىش مۇسۇلمانلىق قوڭى بىلەن ئاغزىنىڭ پەرقى يوق دېگەنلىك. خىتايچىدىمۇ خۇي دەپ ئېلىش بىكار ئەمەس، شۇنچە پەسەندى خىتايلار جېنىدا تارىختىن بۇيان پەس كۆرۈپ كەلگەنلىكى بىكار ئەمەس.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

فىرانسىيە «دۇنيا گېزىتى»دە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى

چا ئۆكتەبىر 25 , 2023
ئارمان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 25-ئۆكتەبىر فىرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئات «دۇنيا گېزىتى» سەيشەنبە كۈنى « تېررورلۇق كەيپىياتى سۇسلاشتى، ئەمما باستۇرۇش ۋە قورقۇنچ يەنىلا مەۋجۇت» تېمىسىدىكى چوڭ ھەجىملىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.. مەزكۇر ماقالىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان «دۇنيا گېزىتى» مۇخبىرى فخېدېغىك لۆمەتخ Frédéric Lemaître ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: « مەلۇم […]

You May Like