تەقرىز: كىملىكىڭ كېيىنكىڭنى بەلگىلەيدۇ

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ھەر قېتىم دۇنيادا بىر ئۇرۇش يۈز بەرسە مۇھاجىرەتتە كىشىلەر تەبىئىي ھالدا ئۆز مىللىتىدىن كەمسىنىدۇ، ئۆزىنى كەمستىش، قامچىلاش، سۆكۈشلەر ئېقىمغا ئايلىنىدۇ. بەزىلەر ئۇرۇشتا غالىپ دەپ قارىغان تەرەپنى كۆپتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى ئۇلاردىن ئۆگەنمەسلىك، ئۇلاردەك بولالماسلىق، قەھرىمانلىقتا ئۇلارغا تەڭلىشەلمەسلىك بىلەن ئەيىپلەيدۇ.

2021-يىلى ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنگەندە كىشىلەر ئۇيغۇرلارنى تالىبانلاردەك باتۇرانە جىھات قىلماسلىقتا ئەيىپلىدى. ئۇلار دۇنيادىكى بىرىنچى ھەربى كۈچ ئامېرىكانى خىتاينىڭ يېرىگە، مىللتىمىزنى تالىباننىڭ ئورنىغا قويۇپ مۇلاھىزە قىلىشتى. ئۇلارچە بىز تالىباندەك بولغان بولساق، تالىبان ئامېرىكانى يەڭگەندەك، بىزمۇ خىتاينى يەڭگەن بولاركەنمىز.

2022-يىلى ئوكرايىن ئۇرۇشى پارتىلىدى. قەھرىمان ئوكرايىنلىقلارغا ئوقۇلغان مەدھىيەلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارنى سۆكۈشمۇ ئۇنتۇلۇپ قالمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوكرايىنلىقلاردەك بولالمىغانلىقى سەۋەپلىك بۈگۈنكى قىسمەتكە قالغانلىقى تەكرار تەكرار يېزىلدى، سۆزلەندى.

2023-يىلىمىزمۇ بۇش كەتمىدى. كۆز ئالدىمىزدا خاماس ئىسرائىيە توقۇنۇشى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا خامسنى قەھرىمان سانايدىغانلار يەنە ئۇيغۇرلارنى سۆكۈشكە، ئەيىپلەشكە، كەمسىتىشكە باشلىدى. ھەتتا ئاغزىدىن نىجاسەتلەرنى ئېقىتىپ ئۇيغۇرنى ھاقارەت قىلغانلارمۇ بولدى. ئۇلارچە ئۇيغۇرلار خاماستەك ئىمانلىق، تەۋەككۈلچى بولمىغاچقا، ئۇلاردەك ئۆلۈمگە، جىھاتقا ئاتلانمىغاچقا بۈگۈنكى كۈننى كۆرۈۋاتقانمىش.

مەن ئۇيغۇرلار تالىباندەك بولالمىدى دەۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ تالىبان بىلەن جىھاتقا قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ قوشۇنىدا يۈزلەپ جان بەرگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. تالىبانغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار 2012-يىلدىن كېيىن سۈرىيەگە بىر تاماق ئاچقان. ئ‍ۇ تارماق ھازىرمۇ سۈرىيەنىڭ ئىدلىپ رايۇنىدا جىسرە شۇغۇرنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

مەنچە توغرىسى ئۇيغۇرلار تالىباندەك بولالمىدى، ئەمەس تالىبالار ئۇيغۇردەك بولالمىدى. ئۇيغۇرلار مۇجاھىتلارغا ياردەملىشىپ دەسلەپتە رۇسلار بىلەن سوقۇشتى. 1997-يىلدىن كېيىن تالىبانلارغا ئەگىشىپ كابۇل بىرلەشمە ھۆكۈمىتى بىلەن سوقۇشتى. خوش، قايسى بىر ئافغانلىق مۇجاھىت ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە باردى، تاشقورغانغا چۈشتى؟ قېنى قايسى ئىمانلىق تالىبان بىز ئۈچۈن سوقۇش قىلىپ باقتى؟ نەچچە مىڭلاپ ئۇيغۇرلار ئەسەتكە قارشى سۈرىيەلىك مۇجاھىتلار بىلەن قانلىق جەڭ قىلدى، قېنى قايسى بىر سۈرىيەلىك مۇجاھىت بېيجىڭغا چالما ئېتىپ باقتى؟ قايسى ئافغانلىق مۇجاھىت، قايسى سۈرىيەلىك جىھاتچى ئۆزىنىڭ دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر سائەت تۇرۇپ نامايىش قىلىپ باقتى؟

ئۇيغۇردەك خەقنىڭ دۆلىتىگە بېرىپ، خەقنىڭ تۇپرىقىدا جان بەرگەن بىر خەلقنى كەمسىتىپ، خەق ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن كوچىغا چىقىپ، قولىغا خەق تارقىتىپ بەرگەن قورالنى كۆتۈرۈپ جەڭ قىلسا ئۇلارنى ئۇلۇغلايدىغان قانداق ئەقىل ئۇ؟ تالىبانغا قورال، پۇل، دورا بېرىدىغان قوشنا پاكىستان بار، شۇ قورال، مەبلەغ ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى تەمىنلەپ تۇرۇۋاتقان خىتاي بار. ئۇ ئۇرۇش تالىبان ئامېرىكا ئۇرۇشى ئەمەس، خىتاي ئامېرىكا ئۇرۇش. ئۇرۇشتا خىتاي يەڭدى. ئامېرىكا تالىباننى خىتايغا تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كەتتى. قېنى بىزنى شۇنداق قوللايدىغان كۈچ؟ دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ قوللاپ قورال بەرگەن، يېنىدا تۇرۇۋاتقان پاكىستاندىن مەدەت ئالغان تالىباننى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن سېلىشتۇرىمىز؟ ئىككى چوڭ قوشنا يۆلەۋاتقان تالىباننى قانداق قىلىپ ئەتراپتا يۆلەيدىغان ئەمەس، پۇتلىمايدىغان، ساتمايدىغان بىرمۇ قوشنا يوق ئۇيغۇرغا سېلىشتۇرىمىز؟

مەيلى تالىبان بولسۇن، مەيلى ئوكرايىنلىقلار بولسۇن، ئۇيغۇرغا سېلىشتۇرغۇسىز ئۈستۈنلۈككە ئىگە. ئۇلارنى قوللايدىغان كۈچلەر پۇل دېسە پۇل، قورال دېسە قورال، دورا دېسە دورا بېرىپ قوللايدۇ. ھەر ئىككىسى ئۆزىنىڭ تۇپراقلىرىدا تۇرۇپ، مەغلۇپ بولسا قوشنا ئەلگە قېچىپ، يارىدار بولسا ياندىكى شەھەرگە كېتىپ داۋالىنىپ ئۇرۇشنى داۋام قىلىدۇ. بىزدە قايسى ئىمكان بار؟ تايلاندقا قاچقان ئۇيغۇرمۇ قاماقتا، ھىندىستانغا قاچقانمۇ قاماقتا. ئافغانىنستان، پاكىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستانلارغا قاچقانلارنى دەرھال تۇتۇپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋە بېرىۋاتقان تۇرسا، بىز نېمە قىلالايمىز؟

نۆۋەتتە بولۇۋاتقان خاماس ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدىمۇ ئۇيغۇرلار يارىماسقا، جىھاتقا ئاتلانماسلارغا، ئىمانسىزغا، قورقۇنچاققا چىقىرىپ سۆكۈلۈشكە باشلىدى. تۆۋە دېمەي ئامال يوق! خەق ئۆزىنىڭ زېمىنىدا، ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان ئارمىيەنى ئىشقا سېلىپ، بىخەتەر تەييارلىق قىلىپ، راكىتالارنى ئۆزى ياساپ، ئۆزىنىڭ ھەربى بازىسىدا ھازىرلىقنى پۈتتۈرۈپ قىلغۇلۇقنى قىپتۇ. بۇنى قانداقمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن؟ خىتاينىڭ چىگراسىغا خاماستەك باستۇرۇپ كىرىش ئۈچۈن بىزگە قوشنا سەككىز دۆلەتنىڭ بىرىگە كىرىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇلارنىڭ قايسى سېنىڭ چىگراغا ئەمەس، شۇ دۆلەتكە خاتىرجەم بېرىپ كېلىشىڭگە كاپالەت بېرىدۇ؟ سەن بېرىپ باقتىڭمۇ قورقماي! چىگراغا ئەمەس، شۇ سەككىز دۆلەتنىڭ بىرىگە؟

ئۇيغۇرلار تالىباندىنمۇ، ئۇكرايىنلىقلاردىنمۇ، خاماسچىلاردىنمۇ كۈچلۈك ئىتىقاتقا، جىھات روھىغا، كۈرەش ئەمەلىيىتىگە ئىگە مىللەت. بىز ھىچ قاچان خىتايغا باش ئەگمىدۇق. 1949-يىلدىن بۇيان ئوقتا سىيرىلدۇق، قاماقلاردا چىرىدۇق، قىيناقلاردا قىيما چىيما قىلىندۇق، ئەمما خىتاي بولۇشنى رەت قىلدۇق، كىملىكىمىزدىن، مەدەنىيەتىمىزدىن، ئاتا مىراس زېمىنىمىزدىن، شەرەپلىك تارىخىمىزدىن ۋاز كەچمىدۇق.

بۈگۈنكى تەشۋىقات، ئاخبارات ئۇرۇشىدا يۈزلەپ گۇۋاھلىق بەردۇق، مىڭلاپ قۇربانلىق بەردۇق، ھېلىمۇ بېرىۋاتىمىز، ئەمما ھىچ بىر ئۇيغۇر تېخى سۆزىدىن يانمىدى، خىتايغا يېلىنمىدى. خىتاي تەشۋىقاتقا مىليارتلاپ دوللار چىقاردى، ئەمما خىتاينى ئاقلاپ، قىرغىنچىلىقنى يوققا چىقىرىدىغان يۈز ئۇيغۇرنى تاپالمىدى. ھالبۇكى ئونلاپ مۇسۇلمان ئاتالغان ئۆمەكلەرنىڭ يۈزلەپ ئەزالىرى خىتاينى ماختاپ، خەلقىنى ئالداپ، ئۇيغۇرنىڭ قېنى بەدىلىگە يەپ ئىچىپ قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ زىيارەتلىرى ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر ئۆزىدىن پەخىرلىنىدۇ، ھەم پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك مىللەت. بىز تارىخىمىزدا قوشنالارنى ساتمىغان. ئىلى سۇلتانلقىغا قازاقلار پاناھلىق تىلەپ كەلگەندە، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىمپرىيە بىلەن ئۇرۇشساق ئۇرۇشتۇقكى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن. 1934-يىلى فېۋرالدا مەمتىمىن بۇغرا خوتەن ئەمىرلىكى نامىدىن كىلولاپ ئالتۇن يوللىغاندا ئافغان قەبىلە قوشۇنى ھەمكارلىققا قوشۇلغان، ئەمما گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 36-دېۋىزىيەسى ماخۇسەننىڭ رەھبەرلىكىدە خوتەنگە ھۇجۇم قىلغاندا سۆزىدىن يېنىۋالغان. نە ۋەدە بويىچە قوشۇن ئەۋەتمىگەن، نە قورال بەرمىگەن. قېنى ئۇيغۇرنىڭ شۇنداق بىر شەرەپسىز تارىخى بارمۇ؟ قېنى قايسى قوشنا كۆزىمىزگە قاراپ تۇرۇپ سەنلەر تارىختا بىزگە بۇ نومۇسسىزلىقنى قىلغان، شۇڭا بۈگۈنكى شەرەپسىزلىكىم راۋا دېيەلەيدۇ؟ ئەمما بىز دېيەلەيمىز. بىز ئاشۇنداق نومۇس، غۇرۇر، ۋىجدان ئۈچۈن جان بەرگەن ئەجداتلارنىڭ ئەۋلادى بولغاچقا، بۈگۈنمۇ شۇنداق نومۇسىمىزنى يوقاتماي كۈرىشىۋاتىمىز، دۇنيادا مەن ئىككىنجى دەپ ھۆركۈرەۋاتقان خىتايغا سېتىلماي ئېتىلىپ تۇرۇپ ياشاۋاتىمىز.

ئۆزىنى بىلمەسلىك، ئەجدادىنى تونىماسلىق، مىللىتىنى كەمستىش بىر خەتەرلىك ۋىرۇس. بۇ ۋىرۇس ھەر قېتىملىق ئۇرۇشتا، تالاپەتتە بىر قېتىم قوزغىلىپ ئۇيغۇرغا يامرايدۇ. بۇنداق ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغانلار، تارقىتىۋاتقانلار ۋە كەمسىنىشكە گىرىپتار بولغانلارغا يېنىدا تىك ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ھاكاۋۇر كۆرۈنىدۇ. خەقنىڭ كۆزىگە جۈرئەتلىك بېقىپ سۆزلىگەنلەر ئەدەپسىز بىلىنىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ دۇنيانى خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋاتقان جاسارىتىنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋىي نازارەت تېخىنكاسىنىڭ ئىنساننى قۇل قىلىدىغانلىقىدىن دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇۋاتقانلىقى كىچىك تۇيۇلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ مۇستەبىت دۇنيانى يوقۇتۇشتا ئاۋانگارت رول ئويناۋاتقانلىقى ئەرزىمەس بىلىنىدۇ.

20-ئۆكتەبر، 2023-يىلى

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئ‍شلەنگەن «شاۋقۇن ۋە سۈرەن»ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم رەسمى قويۇلدى

جۈ ئۆكتەبىر 20 , 2023
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 19-ئۆكتەبر فىلىم 19-ئۆكتەبر قويۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئابدۇۋەلى ئايۇپ نەق مەيداندا فىلىم ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئايۇپتىن ئىگەللىشىچە، «شاۋقۇن ۋە سۈرەن» ناملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ئىلھام توختىنىڭ تۇتۇلۇشى، ئۇنىڭ ھاياتى، تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا قىلغان لېكسىيەلىرى ۋە شۇ لېكسىيەلەرنى تەشكىللىگەن، ئوقۇغۇچسىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئالى مەكتەپتىكى پائالىيەتلىرى بىلەن […]
ئۇيغۇرلار ھەققىدە فىلىم

You May Like