ئۆز مىللىتىنى قەدىرلەش يولى

نەبىجان تۇرسۇن

ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن، ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنى قوغدىمىغان، ئۆزىنى ھۆرمەتلىمىگەن، ئۆزىنى سۆيمىگەن مىللەتنى باشقىلارنىڭ قەدىرلىشى، سۆيۈشى ۋە ئېتىراپ قىلىشى ناتايىن. بىز ئۆزىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق تارىخىمىزدىن، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان شانلىق مەدەنىيەت تۆھپىلىرىمىزدىن، تارىختا قۇرغان بۈيۈك دۆلەتلىرىمىزدىن، تارىخىمىزنى يارىتىشقا، تىكلەشكە ھەسسە قوشقان خاقان، پادىشاھ، ۋەزىر، گېنېراللىرىمىزدىن، ئالىملىرىمىز ھەم مىللەتپەرۋەر زاتلىرىمىزدىن، قەھرىمان ئوغلانلىرىمىزدىن، ئومۇمەن ئۆزىنى مىللەتكە ئاتىغان ئەجدادلىرىمىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىش روھىنى تىكلىيەلىگىنىمىزدە ئاندىن بىز كېلەچەككە يېتەلەيمىز. نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىتى 21-ئەسىردە مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولامدۇ يوق؟ ئۇنىڭ شانلىق تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ساقلىنامدۇ يوق؟ ئۇنىڭ 1930-يىللاردىكى ۋە 1949-1944-يىلىدىكى مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ۋە مۇستەقىل دۆلىتى-شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى روھى ساقلىنامدۇ ياكى ئۆچۈرۈپ تاشلىنامدۇ يوق؟ دېگەندەك خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. تارىخىي سەھىپىلىرىمىزنى ياراتقان قەھرىمانلىرىمىز ۋە داھىيلىرىمىزنىڭ يۈزىگە ئۆزىمىز ئۆز قولىمىز بىلەن قارا سىيا چاچساق، باشقىلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلىۋېتىمەن دېگۈچىلەر ئۆز تەرەتلىرىنى چاچىدۇ خالاس! مىللىي ئىپتىخارلىرىمىزغا، روھى تۈۋرۈكلىرىمىزگە، شانلىق ئۆتمۈشىمىزگە قارا چېچىش ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز خارلاپ، باشقىلارنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا نەغمە -ناۋا قىلغانلىق بىلەن ئوخشاش. ئەگەردە بىز ئۇنىڭغا ئىگە بولالمىساق كېلەچىكىمىز غۇۋا بولىدۇ، جىسمىمىز ۋە روھىمىز ئەبەدىي قۇللۇق زەنجىرى بىلەن باغلىنىشى مۇمكىن.

مەنبە: نەبىجان تۇرسۇن ئۇيغۇر تارىخى ۋوتسئاپ گۇرۇپپىسىدن ئېلىندى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

دۈشمىنىمىزنى ھەر قاچان پەرقلەندۈرىشمىز لازىم

سە نويابىر 21 , 2023
ئابدۇللاھ (2020-يىلى يېزىلغان) ئۈممەت دەردى مەسچىتتە ،مىللەت دەردى نامايىشتا ،كاناي دەردى ھاياتنىڭ ئەڭ ئالدى سەھنىلىرىدە رولىنى كۆرسىتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. ئويلاپ قايسى كوچىغا كىرسەم بىر ئۇچى خىتاي بىلەن تۇتىشىپلا تۇرغىنى تۇرغان .مەن ئەقلىمگە كەلسەم ھاياتىمنىڭ ھۇزۇرلۇق ئەسلىمىلىرى مەكتەپتىن باشلانغان ئىدى .ھازىرمۇ ئاتا -ئانىسى لاگېرلاردا جان تالىشىۋاتقان […]
دۈشمەننى پەرقلەندۈرۈش

You May Like