دۈشمىنىمىزنى ھەر قاچان پەرقلەندۈرىشمىز لازىم

ئابدۇللاھ (2020-يىلى يېزىلغان)

ئۈممەت دەردى مەسچىتتە ،مىللەت دەردى نامايىشتا ،كاناي دەردى ھاياتنىڭ ئەڭ ئالدى سەھنىلىرىدە رولىنى كۆرسىتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. ئويلاپ قايسى كوچىغا كىرسەم بىر ئۇچى خىتاي بىلەن تۇتىشىپلا تۇرغىنى تۇرغان .مەن ئەقلىمگە كەلسەم ھاياتىمنىڭ ھۇزۇرلۇق ئەسلىمىلىرى مەكتەپتىن باشلانغان ئىدى .ھازىرمۇ ئاتا -ئانىسى لاگېرلاردا جان تالىشىۋاتقان ،مىللەتكە تەۋە بارلىق قىممەت قاراشلىرى ۋە ئەنئەنە بەلگىلىرى ئاياغ ئاستى قىلىنىۋاتقان ھەتتا بۇ ئاياغ ئاستى قىلىنىش روھىيەتتىن ھالقىپ جىسمانىي ھۇجۇتقىچە كېڭەيتىلگەن ۋە ئومۇملىشىپ كەتكەن مۇھىتتىمۇ بىر بالىنىڭ ھاياتتىن ئالىدىغان ھۇزۇرلۇق ئەسلىمىلىرى يەنە شۇ مەكتەپتىن باشلىنىدۇ .مەكتەپ ھاياتىم ئاخىرلىشىپ جەمئىيەتكە چىققان ۋاقتىمدا مىللىتىم سەۋەبىدىن ئۇچرىغان تەڭسىزلىك ۋە خورلۇق مەكتەپتە ئون نەچچە يىل ئالغان كوممۇنىزم تەربىسنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ ،ئاستا -ئاستا ئادەتلىنىپ كەتكەن بوي سۇنۇش خارەكتىرمنى يىمىرىپ تاشلىغان ئىدى .ئىشىنىمەنكى بۈگۈن چوڭ بولۇۋاتقان ئۆسمۈرلەرمۇ ھامان بىر كۈنى كىچىكىدىن ناركوز قىلىنغان بۇ ھوشسىزلىقدىن ئويغىنىدۇ .قارايدىغان بولساق چەتئەلدىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي خەلقى بىلەن تىجارەت ،ئوقۇش ۋە كۈندىلىك ھاياتتا باردى-كەلدى قىلىپ ياشاۋاتقىننى كۆرىمىز .بىۋاسىتە باردى -كەلدى قىلمىغانلارمۇ ۋاسىتىلىك ھالدا بۇ مۇناسىۋەتنىڭ تەسىرىدە ،خىتاي خەلقىنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى قاتارىدا دەپ قاراش ياكى قارىماسلىق ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ھەر بىر خىتايغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش بولماسلىقمىزنى بەلگىلەيدۇ .ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بىر قانچە نوختىغا قاراپ باقايلى !

1-ۋەتەندە ئۇيغۇر مىللىتى ئومۇميۈزلۈك ئىككىنچى دەرىجىدىكى پۇقراغا ئايلاندى .مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر بولغان ھەر قانداق ئادەم خىتاي پۇقراسىدىن تۆۋەن دەرىجىدە تۇرىدۇ ،بۇ دېگەنلىك بىر مىللەت مىللەت سۈپىتىدە باشقا بىر مىللەتنىڭ بوزەك قىلىشىغا تاشلاپ بېرىلدى .ھازىرقى ۋەزىيەتتىن ئىلىپ ئېيتقاندا بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە مىللەت سۈپىتىدە قۇل قىلىپ بېرىلدى .دېسەك قىلچىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز .ئۇنداقتا كىم كىمگە كىم تەرىپىدىن قۇل قىلىپ بېرىلدى ؟جاۋاب ناھايىتى ئېنىق ئۇيغۇر مىللىتى(يەنى مىللەت ئىچىدىكى ھەر بىر نەپەر ،پەقەت قۇللۇق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ ) خىتاي مىللىتىگە (يەنى مىللەت ئىچىدىكى ھەر بىر نەپەرگە،پەقەت نوپۇس پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى سەۋەبىدىن قۇل تەقسىم قىلىنمىغان پۇقرالار مەۋجۇت )كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت تەرىپىدىن قۇل قىلىپ بېرىلدى .

2-خىتاي پۇقرالىرى خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئاڭلىغۇچىلىرى ۋە ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچۇرىغۇچىلىرى .خىتايدا قۇل تەقسىملىنەلمىگەن خىتاي پۇقرالىرى بۇلار گەرچە بىۋاسىتە ئۇيغۇرغا زىيانكەشلىك قىلمىغىنى بىلەن بۇ خىلدىكى قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە بۇ تۈزۈمىنىڭ ۋارىسلىق قىلغۇچىلىرىدۇر .

3-خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جۇڭخۇا مىللىتى قاتارىدا ئېتىراپ قىلماسلىقى ۋە خىتايدىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ تەسىرىدە خىتايدا شەكىللەنگەن ئىنسانى ئەخلاق كەمتۈكلۈكى ھەر بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يەكلەش ،بوزەك قىلىش ،ئۆزى بوزەك قىلمىغان تەقدىردىمۇ بوزەك قىلغانلارغا كۆز يۇمۇشنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرگەن. ھەتتا چەتئەلدىكى دېموكراتچى خىتايلارنىڭمۇ ئۇيغۇرنىڭ تۈپ ھوقۇقنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدىغىنى يوق دېيەرلىك .

4-خىتاي خەلقى ئىچىدە يامرىغان ئېتىقادسىزلىق بارلىق ئېتىقادلىق ئىنسانلارنى ئەخمەق چاغلايدىغان ،ئۆزىگە ھېچقانداق ئەخلاقى چېگرا بەلگىلىمەيدىغان ،ھايات قىلىش ۋە راھەت ياشاش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمايدىغان خاراكتېرنى خەلق ئىچىدە مودىغا ئايلاندۇرۇۋالغان .

ئۇنداقتا ھەممە خىتاي پۇقراسى بىزنىڭ دۈشمىنىمزمۇ ئەمەسمۇ بۇنىڭغا سىزنىڭ ئەقلىڭىز جاۋاب بەرسۇن .

چەتئەللەردە ھەممىمىز ھەر دۆلەتتە شۇ دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا بوي سۇنۇپ ياشايمىز .ئۇيغۇرنىڭ يىلتىزى ۋەتەندە ،ۋەتەن خىتاينىڭ مۇستەملىكىدە بولغاچقا مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارى ھالدا خىتايلار بىلەن ھەر جەھەتتە باردى كەلدى قىلىپ ياشايمىز .ئەمما ھەر بىر خىتاينى ھازىرغىچە دوست ياكى دۈشمەن دەپ ئېنىق ھۆكۈم قىلالمايۋاتقانلار مەيداننى ئېنىق قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن .مەنچە ھازىرقى مەسىلە دوست دۈشمەننى تونۇش مەسىلىسى ئەمەس بەلكى ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان مۇھىتتىكى ئەمىلى شارائىتتىن پايدىلىنىپ دوستقا قانداق مۇئامىلە قىلىش دۈشمەنگە قانداق زەربە بېرىش.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

سياسەت مۇتەخەسسلىرى: ختاي ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى ئىلىشنى قەتئى قارار قىلماقتا؛

سە نويابىر 21 , 2023
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈم تەييارلىدى. خارۋارد، جورج ۋاشنگىتون، ختاي فۇدەن ۋە بېجىڭ ئۇنېۋىرستىتى قاتارلىق ئاكادىمىك ئورۇنلار بىرلىشپ ئورۇنلاشتۇرغان «ھەمكارلىق ۋە رىقابەت: ختاي ۋە ئامېرىكا » ناملىق چوڭ تېپتىكى مۇھاكىمە يېغىنىدا، بارلىق مۇتەخەسسلەر بىردەك ھالدا ختاينىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى سياسى -دىپلوماتىك رەھبەرلىكى، تېخنىكا ئەۋەزللىكى ۋە تەرەققىياتى، ئېقتسادى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ، ھەربى كۈچى […]
خارۋارد

You May Like