ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن: «ئەتىرگۈللەر»

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

‎مەن «ئەتىرگۈللەر» ناملىق بۇ شېئىرنى ئۇچ يىل بۇرۇن 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى جازا لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاپ يازغان ئىدىم. بۇ شېئىر 2023-يىلى 21-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىلىق پۇقرالارنىڭ ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپتۇ. بۇنى بىلىپ ھاياجاندىن نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم ….. دۇنيادا بىز كۈتمەيدىغان ئاجايىب ئىشلار يۈزبېرىدكەن.

‎ئامېرىكا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان 118- قېتىملىق كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەڭ ئىقتىدارلىق ۋە تەسىرى كۈچلۈك كېڭەش پالاتا ئەزاسى، دې پېرى ۋە ۋىسكونسىن (De Pere, Wisconsin) بۆلگىسىنىڭ خەلق ۋەكىلى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ئامېرىكا ستراتېگىيىلىك رىقابەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاغېر (Mike Gallagher )
ئەپەندى مەن يازغان (Rep. Gallagher) «ئەتىرگۈللەر» ناملىق ئۇشبۇ شېئىرىنى ئامېرىكىنىڭ De Pere, Wisconsin شەھىرىدە بىر دۇكاننىڭ ئىچىدە تامغا ئېسىغلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە بۇ شېئىرنى ياغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سوراشتۇرۇپ، كېيىن بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى بىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن گاللخېر ئەپەندى مۇشۇ تامغا ئېسىلغان شېئىر بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ (X (Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىپتۇ.

ئەلۋەتتە، «قەلەم قىلىچتىن ئۆتكۈردۇر» – بۇنى ئىنسانلار ئۆز تارىخى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن خۇلاسىلانغان يەكۈندۇر.

دېمەك، بىر ئۇيغۇر يازغا بۇ شېئىر ئادالەتنى، ئىنسانلىقنى ھىمايە قىلىدىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپتۇ. بۇ ئىش پەقەت مېنىلا سۆيۈندۈرۈپ قالماي، ئىرقىي قىرغىنچىلققا ئۇچراۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز بېشىدىن ئەڭ قاباھەتلىك ئېغىر كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇمىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى ئىزچىل ھىمايە قىلىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇرنىڭ كۆيۈمچان دوستى مايك گاللاغېر ئەپەندىگە ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز !

‎ئۇشبۇ شېئىر ئەسلى ئېنگلىزچە يېزىلغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئەنگلىيىدە نەشىر قىلىنىدىغان «تەقىب ئىندېكسىيىسى» (Index on Censorship) ژۇرنىلىنىڭ 2021-يىلى قىش پەسىللىك سانىدا ۋە كېيىن لوس ئانجېلىس «كىتاب باھالاش» (LA Review of Books) ژۇرنىلىدا 2022-يىلى 12-يانۋاردا نەشىر قىلىنغان ئىدى.

‎بۇ شېئىر ھەم بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېنگلىزچە نەشىر قىلىنىدىغان «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابقىمۇ كىرگۈزۈلدى.

ئۈچ يىل ئىلگىرى ئۆستۈرگەن تۇنجى ئەتىرگۈل
مەرھۇم ئاتامنىڭ ۋەيران قىلىنغان نامسىز قەبرىسىنىڭ
خاتىرىسىگە بېغىشلانغان ئىدى.
مەن ئىككىنچى ئەتىرگۈلنى ئۆتكەن يىلى
ئانىلار بايرىمى كۈنىدە باغچامغا تىكتىم.
ئۈچىنچى ئەتىرگۈلنى
لاگېرلاردىن ئامان قالغان نامسىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تىكتىم.

ئەتىرگۈللىرىم ئۈمىد بىلەن چېچەكلەۋاتىدۇ
ئەركىنلىك مېلودىيىسىنى ئېيتىۋاتىدۇ …
باھارنىڭ كېلىشىنى كۈتمەس،
گاھىدا ئۇلار بىزگە شۇنى ئېيتىدۇ-
ھايات قېلىش نېمە دېگەن گۈزەل
تېنچ ياشاش، ھەم بۇ گۈزەل دۇنيادا.
‎‏
The first rose I planted three years ago
To mark my father’s destroyed grave
The second rose I planted
On Mother’s Day last year
The third rose I planted for the unknown Uyghurs
Who survive inside the camps

My roses are blossoming with hope
‎‏Singing a song of freedom
‎‏Without waiting for the spring
‎‏They remind us
‎‏How beautiful it is to be alive
‎‏To live in peace in our beautiful world.

‎ بىز دۇنيادىن شۇنى ئارزۇ قىلىمىز ۋە كۈتىمىز، ئۇيغۇرنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرى دۇنيانىڭ ھەر يېرىگە، ھەر بىر ئىنسانلىقنى سۆيگەن، ئادالەتنى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا ئاڭلانسۇن …. ئۇيغۇر ئادالەتكە، ھەققانىيەتكە مۇھتاج، ئىنساندەك ئىززەت ۋە ھۆرمىتى بىلەن ياشاشقا، سۇلغۇن چېھرلىرىدىن كۈلۈشكە مۇھتاج!


I am overwhelmed, don’t know what to say but I want to repeat these two verses from my poem:

How beautiful it is to be alive
To live in peace in our beautiful world.

Thank you to the man in the shop in Wisconsin, and to @RepGallagher, who did not forget the #UyghurGenocide!

‎‏https://x.com/committeeonccp/status/1715800615308103735?s=48&t=avOBP50afum_QeDSSdGQBw

https://lareviewofbooks.org/short-takes/roses-a-poem-by-a-uyghur-activist/

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي جاللات، سابىق باش مىنستىر لى كېچىياڭ ئۆلدى

جۈ ئۆكتەبىر 27 , 2023
تۇرسۇنجان ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 27-ئۆكتەبىر ختاي مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسسنىڭ خەۋەر قىلىشچە، سابىق باش منستىر لى كېچىياڭ شاڭخەيدە دەم ئىلىۋاتقاندا يۈرەك كېسلى قوزغىلىپ ، شۇ يەر ۋاقتى 27-ئۆكتەبىر كىچە سائەت 10 مىنۇت ئۆتكەندە 68 يېشدا ئۆلگەن. لى كېچىياڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىنى پىلانلاش، نازارەت قىلىش ، ئىجرا قىلىشقا تەسر كۆرسەتكەن ئاساسلىق […]
لې كېچىياڭ ئۆلدى

You May Like