ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2024-يىلى 13-مارت ئامېرىكا يەرلىك قاناللىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتچىلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پارتىيە ئىچى سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا پرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ يىللىق پرېزىدېنت سايلىمىدا ئەڭ ئاخىرقى بەيگىگە چۈشۈشى ئاساسەن مۇقىم بولغان. تۆت تۈرلۈك ئەيىبلەش سەۋەبلىك 25-مارت سوتقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان دونالد ترامپ […]
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2024-يىلى 8-مارت خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ 8-مارتتىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئۇچۇر ئانالىزچىسى يېقىندا خىتايغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي مەخپىيەتلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ساتقانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە Korbein Schultz ئىسىملىك سېرژانت دەرىجىلىك بۇ ھەربىي خادىم ئۆزىنىڭ ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ مۇتلەق مەخپىي دەپ قارالغان ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ راكېتا قويۇپ بەرگۈچى […]
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2024-يىلى7-مارت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 7-مارت بايانات بېرىپ: شىۋېيتسارىيە، ئىرېلاندىيە، ۋېنگىرىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، لىيۇكسېمبۇرگ قاتارلىق ئالتە دۆلەت پۇقرالىرىغا قارىتا خىتايغا ۋاقىتلىق ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى بۇ يىل 14-مارتتىن باشلاپ 30-نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا 15 كۈن مۆھلىتىدە ۋىزىسىز […]
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2024-يىلى 7-مارت ئارمان ئۆز خەۋىرىمىز: فىرانسىيەدە ئەنگە ئالدۇرۇلغان «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى» نىڭ ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدا تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر جەمئىيەت ئەزالىرى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىنى (ئاۋازلىق) خەلقئارالىق ئېچىۋېتىلگەن تىل ئامبىرىغا كىرگۈزۈش خىزمىتىنى جىددىي ئىشلەپ كەلمەكتە ئىكەن. ئاگېنتلىقىمىز بۇ ھەقتە تەپسىلاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بىر […]
مەرغۇبە، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 21-نويابىر ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP)تەتقىقاتچىسى پېتىر ئىرۋىن يتەكچىلىك قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات (دىئاسفورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەرىتىسى—Mapping the Uyghur Diaspora)ناملىق دوكلاتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە سانلىق مەلۇماتلار تەمىنلەنگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسنى بىلىش-ئۇلارنىڭ ئانا تىلى ۋە مەدەنىيتنى ساقلاش تىرشچانلىقى ۋە ئۆز ۋەتىنى-خەلقى ئۈچۈن ئىلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنى چۈشنىش،ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم […]
ئەكرەمجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 20-نويابىر ئارگىنتىنادا يېڭى پىرەزدىنتلىق سايلىمى ئاخىرلىشپ، ئوڭ قانات مىللەتچى خاۋىر مېلى ئۇتۇپ چىقتى. ئارگىنتىنا ئىغىر ئېقتسادى كىرىزس ئىچىدە بولۇپ، پۇل پاخاللىقى ۋە ئشسزلىق يۇقىرى، بۇ سولچىللارنىڭ قوللاشتىن ئايرىلىشنىڭ مۇھىم سەۋەبى دەپ قارالماقتا. سابىق ھۆكۈمەت ختاي بىلەن يېقىن بولۇپ، كۆپ تەنقىدگە ئۇچرىغان.ئەمما يېڭى پىرەزدىنت ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «ختايدا […]
ئارمان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 4-نويابىر خەلقئارا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۈئەل ماكرون بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردا زىيارەتتە بولغان. «فىرانسىيە ئاگېنتلىقى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، 1-نويابىر ماكرون قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدە پىرېزىدېنت توقايېف بىلەن كۆرۈشۈشتە بولغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى، سودا ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ […]
ئارمان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 25-ئۆكتەبىر فىرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئات «دۇنيا گېزىتى» سەيشەنبە كۈنى « تېررورلۇق كەيپىياتى سۇسلاشتى، ئەمما باستۇرۇش ۋە قورقۇنچ يەنىلا مەۋجۇت» تېمىسىدىكى چوڭ ھەجىملىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.. مەزكۇر ماقالىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان «دۇنيا گېزىتى» مۇخبىرى فخېدېغىك لۆمەتخ Frédéric Lemaître ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: « مەلۇم […]
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 17-ئۆكتەبىر يۈسۈپجان پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسى ئوتتۇرا شەرققە مەركەزلەشكەن پەيتتە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمېر پۇتىن 17-ئۆكتەبىر دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئۇكرائىناغا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، پۇتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن […]
ئەھمەتجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى17-ئۆكتەبىر يېقىندا ئۇيغۇر ھوقۇق تەتقىقاتچىلىقى ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىم ئادرىيان زەنز يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەشتىن چىققان ئۇيغۇرلارنى ئۇدۇل زاۋۇتلارغا ئاپىرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغان پروگراممىسىنى ئاشكارىلىغان. ئادرىيان زىنزنىڭ ئىسپاتلىشىچە، خىتاي مەزكۇر پروگرامما ئارقىلىق ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ۋە قارشىلىقنى باستۇرۇشتىن ئىبارەت كۆپ […]
يۈسۈپجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى13-ئۆكتەبىر ئامېرىكا مېدىئالىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 9-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغان. خەۋەر قىلىنىشىچە مەزكۇر ھۇجۇمچىنىڭ ئىسمى ياڭ جەنيۇەن بولۇپ يۇرتى شەندۇڭلۇق ئىكەن. ساقچىلار ياڭ نىڭ تۇرالغۇسىدىن سىياسىي سۇيىقەستكە ئائىت كىتاب ماتېرىياللار، بىر دانە يالغان تاپانچا، پىچاق قاتارلىق نەرسىلەرنى بايقىغان. سان فىرانسىسكو […]
يۈسۈپجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 13-ئۆكتەبىر «فىرانسىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ بىر خادىمى بېيجىڭدا نامەلۇم كىشى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغان. ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە مەزكۇر كىشى نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە خىتاي تەرەپ بۇ ھۇجۇم ھەققىدە تەپسىلاتلارنى تېخى ئاشكارىلىمىغان.
مەھمۇتجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 9-ئۆكتەبىر 7-ئۆكتەبىر سوسيال مېدىيادا تارقالغان ۋىدىئوغا ئاساسلانغاندا، تونۇلغان ئۇيغۇر گىتارچى، ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدا ياشاۋاتقان گىتارچى ئەركىن ئابدۇللانىڭ بېيجىڭ ئايرۇدۇرمىدا باشقىلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى تارقالدى. ئەركىن ئابدۇللا ئەينى چاغدا ۋەتەندە ئۇيغۇرلار بېشىغا ئىلىپ كۆتۈرگەن ئۇيغۇر سەنئەتكار بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرى، قېرىنداشلىرى قولغا ئېلىنغاندىمۇ، […]
يۈسۈپجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى9-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۈگۈن سوتسىيال مېدىئا X تە 7-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسقا فىلىمنى چىقارغان ۋە ئاستىغا مۇنداق دەپ يازغان: « بېيجىڭدا تۇغۇلغان خىتاي-ئىسرائىلىيە پۇشتىدىن بولغان بۇ قىز تۈنۈگۈن گۆرۈگە ئېلىنىپ غەززا رايونىغا ئېلىپ كېتىلدى، بۇ كۆرۈنۈش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى […]
يۈسۈپجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىر خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 7-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ غەربى شىمال رايونلىرىدا 6.3 بال دەرىجىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن. 8-ئۆكتەبىر تالىبان ھۆكۈمىتى باياناتچىسى زەبىھۇللا مۇجاھىد ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات بېرىپ مەزكۇر ئاپەتتە 2053 نەپەر كىشىنىڭ قازا قىلىپ 1240 نەپەر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. […]
ئارمان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىر خان مۇتتاقى 5-ئۆكتەبىر تىبەتنىڭ لىنجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان « ھىمالايا تېغىنى چۆرىدىگەن خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈشتە بولغان. سۆھبەتتە مۇتتاقى مۇنداق دېگەن: « ئافغانىستان تەرەپ […]
ئارمان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى30-سېنتەبىر خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۆي مۈلۈك ماگناتى بولغان «خېڭدا ئۆي مۈلۈك گۇرۇھى»نىڭ 28-سېنتەبىر بەرگەن بايانىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر گۇرۇھنىڭ باش لېدىرى شۈ جىيايىڭ يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن « مەجبۇرىي تەدبىر» قوللىنىلغان. خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۈ جىيايىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن […]
ئارمان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 22-سېنتەبىر گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ 22-سېنتەبىر بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، كېلەر جۈمە(29-سېنتەبىر) گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بېرلىندا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتلىرىنى كۈتۈۋالىدىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، گېرمانىيە ياۋروپا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالغان دۆلەت بولۇپ […]
يۈسۈپجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 17-سېنتەبىر بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال(2022-يىلى 10-سېنتەبىر) فىرانسىيەدىكى سولچى گۇرۇھلارنىڭ ئەڭ چوڭ يىغىلىشى بولغان «ئىنسانىيەت فېستىۋالى»غا خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يېشىللار پارتىيەسى ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئونلىغان پارلامېنت ئەزالىرى، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىرلىشىپ خىتاي كونسۇلىنىڭ چېدىرى ئالدىدا ئۇدا ئىككى كۈن قارشىلىق نامايىشى […]
ئارمان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 14-سېنتەبىر ئۆز خەۋىرىمىز، 10-سېنتەبىر گوللاندىيە «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى»نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «تەھدىت ئاستىدا قالغان مەۋجۇتلۇقىمىز» تېمىسىدىكى سۆھبەت پائالىيىتى ئۈرتېخېت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئاۋسترالىيەدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىم سىن ئارقىلىق « مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسى نەدە؟» دېگەن تېمىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن […]