Home دۇنيائوتتۇرا شەرق خوش خەۋەر:ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسى: گۆرۈگە ئېلىنغانلار ئىچىدە خىتاي پۇشتىمۇ بار

خوش خەۋەر:ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسى: گۆرۈگە ئېلىنغانلار ئىچىدە خىتاي پۇشتىمۇ بار

by Arman

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى9-ئۆكتەبىر

ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۈگۈن سوتسىيال مېدىئا X تە 7-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسقا فىلىمنى چىقارغان ۋە ئاستىغا مۇنداق دەپ يازغان: « بېيجىڭدا تۇغۇلغان خىتاي-ئىسرائىلىيە پۇشتىدىن بولغان بۇ قىز تۈنۈگۈن گۆرۈگە ئېلىنىپ غەززا رايونىغا ئېلىپ كېتىلدى، بۇ كۆرۈنۈش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مېدىئالار تەرىپىدىن تارقىتىلدى…بىز نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىق ئەھۋال ئاستىدا خىتاي تەرەپنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشىنى شۇنداقلا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

«جەنۇبى سەھەر گېزىتى»نىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۇتقۇندىكى بۇ قىزنىڭ ئىسمى Noa بولۇپ بۇ يىل 25 ياشتا ئىكەن. توردىكى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇنىڭ دادىسى يەھۇدىي، ئانىسى خىتاي ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭ خىتاي ياكى ئىسرائىلىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

مۇناسۋەتلىك تېمىلار

Leave a Comment