يېڭى دوكلات: ئاتالمىش «تەربىيەلەش »لاگېرىدىن چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئىشچىلىققا سىلىنۋاتقانلىقى رەسمىي ئىسپاتلاندى

ئەھمەتجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى17-ئۆكتەبىر

يېقىندا ئۇيغۇر ھوقۇق تەتقىقاتچىلىقى ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىم ئادرىيان زەنز يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەشتىن چىققان ئۇيغۇرلارنى ئۇدۇل زاۋۇتلارغا ئاپىرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغان پروگراممىسىنى ئاشكارىلىغان.

ئادرىيان زىنزنىڭ ئىسپاتلىشىچە، خىتاي مەزكۇر پروگرامما ئارقىلىق ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ۋە قارشىلىقنى باستۇرۇشتىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پروگراممىسىنى ئاتالمىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىغان.بۇ ئ‍ش ئورۇنلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ شەخسى شىركەتلىرى بولۇپ، شارائىتى ناچار، تەمىناتى تۆۋەن، ئەركىنلىك چەكلەنگەن. خىتاي بۇ قۇل ئىشچىلارنى تەربىيەلەپ، ماشىنىدەك ئىشلەيدىغان يۇقىرى پايدا يارىتىش مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىققان.

ئارىيان زىىنز مۇنداق دېگەن: بۇ بېيجىڭنىڭ يۇقىرى پايدا ئاساسىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان، خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خەنلەرنىڭ مەدەنىيىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان جەمئىيەتكە ئىدېئولوگىيە، كۈلتۈر تەرەپلەردە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشىغا قارشىلىق قىلىش ئىقتىدارىنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.»

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى يىللاردىن بىرى تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنىپ كەلگەنىدى. ئادرىيان زىنېز 2017-يىلىدىن بىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان لاگېر، مەدەنىيەت يوقىتىش، ئاياللارنى تۇغماس قىلىش ۋە پىلانلىق تۇغۇت كونترولى قاتارلىق تېمىلاردا بىرىنچى قول ۋە ئىشەنچلىك تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن تەمىن ئەتكەن ۋە دۇنيادا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغان شەخس ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭ ئىلمى شەكىلدە ئىسپاتلىنىشى شۇنداقلا دوكلاتقا ئىلىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ قەتئىي نىيەتلىك، دۆلەت سىياسىتىگە ئايلانغان، خىتايغا ھەم ماددىي پايدا يارىتىدىغان بىر ئىشقا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

پۇتىن زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ كەلدى

سە ئۆكتەبىر 17 , 2023
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 17-ئۆكتەبىر يۈسۈپجان پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسى ئوتتۇرا شەرققە مەركەزلەشكەن پەيتتە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمېر پۇتىن 17-ئۆكتەبىر دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئۇكرائىناغا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، پۇتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن […]

You May Like