ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بىن ساسى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكلىرى ھەققىدە دۆلەت مەجلىسدە مەخسۇس نۇتۇق سۆزلىدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بىن ساسى كوممۇنىزىمنىڭ زىينىغا ئۇچرىغانلار فوندى جەمئىيتى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زىنزنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ

ئافراسياپ
ئ‍ۇيغۇر ئاگېنىتلىقى17-دeكابىر، ۋاشنگىتون

 

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بىن ساسى كوممۇنىزىمنىڭ زىينىغا ئۇچرىغانلار فوندى جەمئىيتى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زىنزنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، دۆلەت مەجلىسدىن بۇ دوكلاتنى ئارخىپ قىلىش ساقلاشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيسنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى قۇل قىلغانلىقى ھەققىدە ناھايتى تەپسلى دوكلات بەردى. خىتاينىڭ چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش ماڭالايدىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا سېلىۋاتلىقى، بۇنىڭدىن غايەت زور ئىقتسادىي پايدا ئېلىۋاتقانلىقى، دۇنيا ۋە ئامېرىكىدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتسادىي ھەمكارلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرىدىغان بارلىق ئاقىۋەتلىرىنى تىلغا ئالغان، شۇنداقلا دۆلەت مەجلىسدىن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇ نۇتۇق ناھايتى تەپسلىي بولۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئەھۋالىنى ئامېرىكا سياسىيونلىرىنىڭ ناھايتى ياخشى چۈشەنگەنلىكىنى كۆرستىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ياۋروپا پارلامېنتىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەكلىپى

جۈ يانۋار 1 , 2021
بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا «شىنجاڭ/ئۇيغۇر» قارارى، 604 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 20 ئاۋازنىڭ قارشىلىقى ۋە 57 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن قاراردىن ئۆتتى. مەزكۇر قاراردا ئۇيغۇرلارغا سېلىنىۋاتقان زۇلۇم ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئىشلىرى قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن تەنقىدلەنگەن، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

You May Like