پۇتىن زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ كەلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 17-ئۆكتەبىر

يۈسۈپجان

پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسى ئوتتۇرا شەرققە مەركەزلەشكەن پەيتتە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمېر پۇتىن 17-ئۆكتەبىر دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئۇكرائىناغا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، پۇتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن 18-ئۆكتەبىر خۇسۇسىي سۆھبەتتە بولغاندىن كېيىن بىرلىكتە «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سۆھبەت مۇنبىرىگە قاتنىشىدىكەن.

خىتاينىڭ ئورگان زۇۋانى بولغان «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر مۇنبەرگە خەلقئارادىكى 130دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋېنگىرىيە پرېزىدېنتى، چىلى پرېزىدېنتى، كېنىيە پرېزىدېنتى، ئېفىيوپىيە پرېزىدېنتى قاتارلىق ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ پرېزىدېنتلىرى شۇنداقلا يېقىندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىق «مېھمان»لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئابدۇرىھىمجان: ئىنسانلىقتىن ئايرىلىپ قالغان مۇسۇلمانلىق

جۈ ئۆكتەبىر 20 , 2023
خىتاينىڭ قانخورلۇق ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىردەك قوللىدى. مىلىيونلىغان بىگۇناھ ئەر – ئايال، قېرى- ياش ئۇيغۇر خەلقىنى ئاممىۋى تۇتقۇن قىلىپ، ئاممىۋى جازالاگىرىغا سولاپ، تەن جازاسى، ئەقىل ۋە روھ جازاسى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ پاكىتلىق جىنايەتلىرىنى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئاقلىدى. چۈنكى《ئۇيغۇرلار ئاشقۇن دىنچى، تېررورىست بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىخەتەر ھالغا كەلتۈرۈپ، […]
ئ‍نسانلىق ۋە مۇسۇلمانلىق

You May Like