ئابدۇرىھىمجان: ئىنسانلىقتىن ئايرىلىپ قالغان مۇسۇلمانلىق

خىتاينىڭ قانخورلۇق ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىردەك قوللىدى. مىلىيونلىغان بىگۇناھ ئەر – ئايال، قېرى- ياش ئۇيغۇر خەلقىنى ئاممىۋى تۇتقۇن قىلىپ، ئاممىۋى جازالاگىرىغا سولاپ، تەن جازاسى، ئەقىل ۋە روھ جازاسى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ پاكىتلىق جىنايەتلىرىنى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئاقلىدى. چۈنكى《ئۇيغۇرلار ئاشقۇن دىنچى، تېررورىست بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىخەتەر ھالغا كەلتۈرۈپ، نورمال ئىنسانغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن》 خىتاي دۆلىتى قوللانغان تەدبىرلەر تامامەن يوللۇقمىش.

《ئۇيغۇرلا ئاشقۇن دىنچى ئەمەس، رادىكال تېررورچى ئەمەس، دىنسىزلىرى، ئىمانسىزلىرى، كوممۇنىستلىرى كۆپ خەلق، خىتاي تۆھمەت چاپلاۋاتىدۇ》- دەپ ئاقلاپمۇ ئولتۇرمايلى. ئەمما دىندىن، ئىماندىن، ئۇيغۇرلۇقتىن قىلچە خەۋىرى بولمايدىغان مىلىيونلىغان سەبى بالىلارنى، كۈندە مىڭلاپ ئۆلتۈرىۋاتقان جىنايىتىگە نېمە دەيسەن! مىلىيونلىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقلىنى، روھىنى ئۆلتۈرىۋاتقان جىنايىتىگە نېمە دەيسەن!

ھاماسنىڭ شۇملىقى تۈپەيلى، رەھىمسىزلىكى تۈپەيلى ئىسرائىل ئارمىيەسى ئاتقان بومبىدا قانچە يۈز ئەرەب بالىسى ئۆلدى. ئۇ بالىلاردا نېمە گۇناھ. بومباردىماندا ئۆلتۈرۈلگەن ئەرەبنىڭ بالىلىرى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇندا، لاگىردا ئۆلتۈرۈلگەن بالىلىرىنىڭ پەرقى نېمە! پەرقى ناھايىتى چوڭ! گازادا ئۆلتۈرۈلگەن ئەرەب بالىلار چوڭ بولسا ھاماسچى بولىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ لاگىردا ئۆلتۈرۈلگەن بالىلىرى چوڭ بولسا پەقەت ئۇيغۇر بولىدۇ خالاس.

بىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلىشىمىزنى، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىشىمىزنى جىنايەت ھېسابلىغان خىتاي بىلەن سەن ئەرەبلەر بىر سەپتە تۇردۇڭ! دۆلىتىڭدە ئاللاھنىڭ دىنىنى ئوقۇغىلى كەلگەن ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ خىتايغا ساتتىڭ. ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئادا قىلىمىز – دەپ، ھەجگە بارغان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ خىتايغا ساتتىڭ. ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەيىبلىدىڭ، ئۇيغۇرنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى راۋا كۆرمىدىڭ. ئەمما ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىللىرى بولسا پەقەت ھاماسچىلارنىڭ بىر قېتىملىق تېررورلۇق جىنايىتىنى ئەيىبلىدى. پۈتۈن ئەرەبلەرنىڭ، پۈتۈن پەلەستىنلىكنىڭ مەۋجۇتلىقىغا قارشى سەپتە تۇرمىدى. ئۇيغۇرنىڭ رەھبەرلىرى سەنلەرنىڭ دۈشمىنىڭ بولغان 《ئىسرائىلنىڭ يېنىدا》 تۇرغانلىقىنى پەقەت ئاغزىدىلا دېدى. ئۇلار بىرەر ئەرەبكە، بىرەر پەلەستىنلىككە، بىرەر مۇسۇلمانغا ھېچقانداق زىيان سالمىدى. دۈشمىنىگە تۇتۇپ بەرمىدى. دۈشمىنىگە ساتمىدى.

ئەرەبلەرگە مەنسۇپ تېررورچى ئەبلەخلەر مۇسۇلمانلىقنى ئىنسانلىقتىن ئايرىۋەتكەن بولسا، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىللىرى خىتاي دۆلىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، مۇسۇلمانلىقنى ئىنسانلىقتىن ئايرىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چىققان تېررورچىلىرى قانچىلىك ۋەھشى بولسا، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىمۇ شۇنچىلىك قارا كۆڭۈلدۇر. ئەرەب خەلقىگە ھەر بالا كەلسە ئۆز تېررورچىلىرىنىڭ شۇملىقىدىن ۋە رەھبەرلىرىنىڭ ئىنسانسىزلىقىدىن كېلىدۇ.

خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلار ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنىدۇر. قايسى دىنغا، قايسى مەزھەپكە مەنسۇپ بولىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاينى قوللىغان، ئۇيغۇرنىڭ قارشىسىدا تۇرغان ھەرقاندىقى ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنىدۇر. مۇسۇلمانلىق ئەرەبنىڭ مۈلكى ئەمەس. مۇسۇلمان بولغىنى ئۈچۈنلا ئەرەبكە روھى ۋە جىسمانى قۇل بولىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئاللاھنىڭ قۇلى ئەمەس، ئەرەبنىڭ قۇلى بولۇپ كەتكەن روھى مۇبەددەللەر نۆۋەتتە ئۆزىنى كۆرسەتتى.

خىتاي ئېچىپ بەرگەن يول بىلەن مېڭىپ،《مۇسۇلمانلىق》نامىدىن ئەرەبنىڭ قولتىقىغا كىرىۋالىدىغان، تالىباننىڭ قولتىقىغا كىرىۋالىدىغان، ئەل قائىدەنىڭ قولتىقىغا كىرىۋالىدىغان، دائىشنىڭ قوينىغا كىرىۋالىدىغان نادان 《مۇسۇلمانلىق》نىڭ زىيانلىرىنى ئاز تارمىدۇق.

نۆۋەتتە گازادىكى ھاماسچىلارنىڭ ئىچكى ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزىچە ئىنسانلىقتىن، مۇسۇلمانلىقتىن ۋە ئادالەتتىن قايناپ كەتكەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر تىللىقلار، ئەگەر دەۋا قىلىۋاتقان ئىمانىدا راستچىل بولسا، گازاغا، پەلەستىنگە كەتسۇن. ئەمما خۇددى ھاماسچىلار گازادىكى خەلقنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ ئىسرائىلغا قەلەي راكېتا ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۇۋالىغا بىگۇنا خەلقنى تۇتۇپ بەرگەندەك، ئۇيغۇرنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىپ ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىمەن دەپ خام خىيال قىلمىسۇن!

ئۇيغۇرغا ھەممىدىن ئاۋۋال مىللى مەنپەئەت كېرەك. قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت، قايسى دىندىكىلەر بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇرنىڭ مىللى مەنپەئەتىنى قوللىسا، شۇلار ئۇيغۇرنىڭ دوستى، ئىتتىپاقدىشىدۇر.

مۇسۇلمانلارنى، تۈركلەرنى بىز تاشلىۋەتمىدۇق. بەلكى بىزنى مۇسۇلمانلار، تۈركلەر تاشلىۋەتتى. ئۇلار بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزغا قارشى ھەرىكەت قىلدى. ئۇلار مۇسۇلمانلىقنى، تۈركلۈكنى ئىنسانلىقتىن ئايرىۋەتتى.

20.10.2023

: ئابدۇرەھىمجان

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي خاككىرلىرى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ھسابلىرىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ.

جۈ ئۆكتەبىر 20 , 2023
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 20-ئۆكتەبىر ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى نامەلۇم ھسابلار، شەخسلەردىن ئېمەيىل،قسقا ئۇچۇر، ئاگاھلاندۇرۇش شەكلىدە نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.بۇلار ئىچىدە، فايىس بۇك شركىتى نامىدىن ئۇچۇر ئەۋەتىپ، كومپيۇتىر سستىمىمىز ۋە ھساۋاتىمىزغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان خاككىرلار كۆپەيمەكتە. تۆۋەندىكى ئۇچۇر ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى-ئۇيغۇر تايمىز يېقىندا تاپشۇرۇپ ئالغان ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئىنگىلىزچە قانىلى-ئۇيغۇر تايمىز فايىس […]
ختاي خاككىرلىرى

You May Like