ئامېرىكا ھەربىي ئۇچۇر ئانالىزچىسى خىتايغا ئاخبارات ساتقانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2024-يىلى 8-مارت

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ 8-مارتتىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئۇچۇر ئانالىزچىسى يېقىندا خىتايغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي مەخپىيەتلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ساتقانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە Korbein Schultz ئىسىملىك سېرژانت دەرىجىلىك بۇ ھەربىي خادىم ئۆزىنىڭ ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ مۇتلەق مەخپىي دەپ قارالغان ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ راكېتا قويۇپ بەرگۈچى ئەسۋابلىرىغا دائىر ئۇچۇرلىرىنى خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق نامەلۇم بىرىگە سېتىپ 42مىڭ دوللار نەپ ئالغان. بۇ ئۇچۇرلار ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مۇداپىئە سىستېمىسىغا دائىر ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارالغان ئۇچۇرلىرى ئىكەن. 24 ياشلىق مەزكۇر ئەسكەر7-مارت كۈنى 6 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.

نۆۋەتتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ ھەققىدە بايانات بېرىپ بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بېيجىڭ تەرەپ بۇ توغرىسىدا «ھېچقانداق خەۋىرىمىز يوقكەن» دەپ بايانات بەرگەن.

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 2023-يىللىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى نۇتۇقىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بىر ئېغىزمۇ تىلغا ئالمىدى

جۈ مارت 8 , 2024
ئۇيغۇر ئ‍اگېنىتلىقى، 8-مارت ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 7-مارت ئاخشام ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە يىلدا بىر قېتىم سۆزلەيدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالى نۇتۇقىدا، ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدى.ئۇ ئامېرىكا ئىچكى سياسەتلىرى، جۈملىدىن ئاياللارنىڭ بالا چۈشۈرۈش ھوقۇقى، دۆلەت ئىچىدە قورال كونتىرۇل قىلىش، كۆچمەنلەر ھوقۇقى، ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى تىرامپنىڭ دىموكراتىيەگە دۈشمەن ئ‍ىكەنلىكى، ئېقتسادى تەرەققىيات ۋە ئ‍شقا ئورۇنلاشتۇرۇش […]
بايدىن-ئامېرىكا

You May Like