ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 2023-يىللىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى نۇتۇقىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بىر ئېغىزمۇ تىلغا ئالمىدى

ئۇيغۇر ئ‍اگېنىتلىقى، 8-مارت

ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 7-مارت ئاخشام ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە يىلدا بىر قېتىم سۆزلەيدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالى نۇتۇقىدا، ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدى.ئۇ ئامېرىكا ئىچكى سياسەتلىرى، جۈملىدىن ئاياللارنىڭ بالا چۈشۈرۈش ھوقۇقى، دۆلەت ئىچىدە قورال كونتىرۇل قىلىش، كۆچمەنلەر ھوقۇقى، ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى تىرامپنىڭ دىموكراتىيەگە دۈشمەن ئ‍ىكەنلىكى، ئېقتسادى تەرەققىيات ۋە ئ‍شقا ئورۇنلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى ھەققىدە سۆزلىدى.

تاشقى سياسەتتە، ئۇكرائىنانى قوللىغانلىقى، روسيەنى چەكلەش، ناتونىڭ كۈچېيشى، پەلەستىن -ئ‍سرائىلىيە مەسلىسى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆلۈم-يېتىمنى ئازايتىشتا ئ‍سرائ‍ىلىيەنىڭ مەسئۇلىيتى بارلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ پەلەستىنگە بىرىۋاتقان ياردەملىرى، ختاي بىلەن ستىراتىگيەلىك رىقابەتلىشىدىغانلىقى قاتارلىق تېمىلاردا كەڭرى توختالدى.ئەمما ئۇيغۇر مەسلىسنى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدى.

مەزكۇر نۇتۇق -دۆلەت ئەھۋالى نۇتۇقى ( The State of The Union) بولۇپ، ئامېرىكا قۇرۇلغاندا، ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىدا، پىرەزدىنت ھەر يىلى ئاۋام پالاتاسى رەئ‍سنىڭ تەكلىۋى بىلەن خىزمەت دوكلات بىرىدۇ.ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مەسللىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

https://www.facebook.com/UyghurTimesUyghur/posts/pfbid09BWWHFyoi2zJ3qfnhh15BgQcZC396PgJTFJvindLQ6yZ82aJKiKAMvgCBW5Du9BCl

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا ئ‍ستىخباراتى: تىك توك ئامېرىكا سايلىمىغا ئارىلاشماقتا

سە مارت 12 , 2024
دۆلەت مەجلىسى: تىك توكنى چەكلەيمىز. تىرامپ: تىك توكنى چەكلەش خاتا ئەركىنجان، 12-مارت، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمەت قاتلىمىدا، تىك-توكنى ئەيىپلەش ۋە چەكلەش قىزغىنلىقى تىرامپ دەۋرىگە سوزۇلىدۇ. ئەمما تېخىچە چەكلەپ بولالىغىنى يوق. تىك توكنىڭ پۇقرالار ئارسىدىكى ئ‍شلىتىشچانلىقى يۇقىرى.ئامېرىكىدا 170 مىلىيوندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىقلار تىك-توكنى ئاكتىپ ئ‍شلىتىدۇ. مىلىيونلىغان ئامېرىكىلىقلار ئاساسلىق ئېقتسادى كېرىم يارىتىش ياكى […]
تىك-توكنى چەكلەش

You May Like