ئانتونى بىلىنكىن: ختاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئالاقە لىنيسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلمىدى.

ئانتونى بىلىنكىن: ختاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئالاقە لىنيسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلمىدى.

ئانتونى بىلىنكىن: ختاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئالاقە لىنيسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلمىدى.
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 20-ئيۇن
ئامېرىكا سى ب ئەس تېلۋىزىيەسى بېجىڭدا ئامېرىكا دۆلەت ئشلىرى كاتىۋى ئانتونى بىلىنكىن بىلەن ئىلىپ بارغان سۆھبىتىدە، بىلىنكىن گەرچە سۇئاللارنى يۇمشتىپ جاۋاپ بىرىشكە تىرشقان بولسمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جاۋابىدىن مۇنۇلار ئاشكارىلاندى: ختاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئالاقە لىنيسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلمىغان.بىلىنكىن:«بۇ ھەقتە داۋاملىق تىرىشۋاتىمىز» دىگەن.ختاي يەنە ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان ختاينىڭ ئامېرىكىغا زەھەر فەنتەلىن ئەتكەس قىلىش يولىنى توسۇش تەلىۋىگە، تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۈچ ئامېرىكىلىقنى قويۇۋىتىشكە، ئامېرىكىغا قارىتىلغان جاسوسلۇق ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشكە ئىجابى ۋە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرمىغان.ئەمما بايدىن ۋە ۋاشنگىتوندىكى بىر قسم سياسەتچىلەر « بۇ قېتىملىق زىيارەت ناھايتى نەتىجىلىك بولدى، گەرچە ئەمەلى مەسلە ھەل بولمىسمۇ، ئەمما ختاي بىلەن ھەربى توقۇنۇشنى خالىمايدىغانلىقىمىزنى قايتا بىلدۈردۇق، بۇ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى ھەربى ۋە ئېقتسادى كۈچلۈك دۆلەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن مۇھىم » دەپ بىلدۈرگەن.جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە باشقا سياسەتچىلەر بۇ قېتىملىق زىيارەتنى قاتتىق تەنقىد قىلماقتا.

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ كۈچلۈك ئ‍ۇيغۇر مۇخبىرى سالاھىيتىنى ئاشكارىلىدى: قاسمجان ئاتلان

سە ئىيۇن 20 , 2023
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ كۈچلۈك ئ‍ۇيغۇر مۇخبىرى سالاھىيتىنى ئاشكارىلىدى:قاسمجان ئاتلان

You May Like