ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمى: ترامپ بىلەن بايدىننىڭ ئاخىرقى بەيگىگە چۈشۈشى ئاساسەن مۇقىم بولدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2024-يىلى 13-مارت

ئامېرىكا يەرلىك قاناللىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتچىلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پارتىيە ئىچى سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا پرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ يىللىق پرېزىدېنت سايلىمىدا ئەڭ ئاخىرقى بەيگىگە چۈشۈشى ئاساسەن مۇقىم بولغان. تۆت تۈرلۈك ئەيىبلەش سەۋەبلىك 25-مارت سوتقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق پرېزىدېنت سايلىمىغا پۇختا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ CNBC خەۋەر قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: « مەن بايدىننىڭ بىردىنبىر رەقىبى!».

جو بايدىن سەيشەنبە كۈنىدىكى دېموكراتچىلار پارتىيەسى سايلىمىدىن كېيىن بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «مەن دۆلىتىمىزدىكى كەڭ دېموكراتچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىشەنچىسىگە يەنە بىر قېتىم ئېرىشكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دونالد ترامپ تىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان پەيتىدە، دېموكراتچىلار پارتىيەسى شۇنداقلا پۈتۈن ئامېرىكىنى توغرا يېتەكلەپ كېتەيلەيدىغىنىمغا ئىشەنچىم كامىل».

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

باش ماقالە: تىك توكنى چەكلەش ھەرىكىتىگە ھەسسە قوشايلى

پە مارت 14 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تەھرىراتى ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، تىك توك -ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق تەشۋىقات قورالى بولۇپ، مىليارد ئىنسانلارغا ختايغا پايدىلىق ئۇچۇر تارقىتىدۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ، ختايغا قارشى مەزمۇنلارنى چەكلەيدۇ، ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىنى تەنقىد قىلىدىغان مەزمۇنلارغا كەڭرى يەر بېرىدۇ.مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلايدۇ.تىك توك جىنايەتچى ۋە تاجاۋۇزچى ختاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن غايەت […]
tik-tok-uyghur

You May Like