ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تەھرىراتى
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، تىك توك -ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق تەشۋىقات قورالى بولۇپ، مىليارد ئىنسانلارغا ختايغا پايدىلىق ئۇچۇر تارقىتىدۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ، ختايغا قارشى مەزمۇنلارنى چەكلەيدۇ، ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىنى تەنقىد قىلىدىغان مەزمۇنلارغا كەڭرى يەر بېرىدۇ.مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلايدۇ.
تىك توك جىنايەتچى ۋە تاجاۋۇزچى ختاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن غايەت زور ئىقتسادىي پايدا يارىتىپ قالماستىن، بەلكى ئسلام دۇنياسىغا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىگە دىكتاتۇرلۇق تەشۋىقاتىنى تارقىتىش، ئامېرىكا ۋە دېموكراتىيىگە قارشى ئىتتىپاقداش توپلايدۇ.
كەلگۈسىدە ئامېرىكىغا قارشى، ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەر قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئىقتىدارى ھەم ئېھتىماللىقى بار.
نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تىك توكنى چەكلەش ئۈچۈن جىددى قانۇن لايىھىسى ئۈستىدە ئىشلەۋاتىدۇ،تىك توكنى ئامېرىكىغا ستىپ بېرىش ئەگەر ساتمىسا پۈتۈنلەي ئامېرىكىدىن چەكلەش ھەققىدىكى مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئاۋام پالاتاسدا ماقۇللاندى، ئەگەر كېڭەش پالاتاسدا ماقۇللانسا، تىك توك ياكى چەكلىنىدۇ، ياكى ختاينىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلىدۇ.
بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن مۇھىم غەلىبە، بۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەلدىكى ھەر بىرەيلەن تىك توكنى پاش قىلىش، تىك توكنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن زىيانكەشلىكلىرى بولسا، جۈملىدىن تىك توكتا چىقارغان مەزمۇنلىرى ياكى ئىنكاسلىرى سەۋەبىدىن تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار بولسا، ئىنگىلىزچە يېزىش، تەشۋىق قىلىش، ختايغا قارشى ياكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكتىۋىسلىرىنىڭ ھسابلىرى چەكلەنگەن بولسا، بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئىلان قىلىش كىرەك.ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزى تۇرۇشلۇق شتاتلارنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا خەت يېزىپ، چەكلەشنى تەلەپ قىلىش مۇھىمدۇر.