%75 دەرىجىدىن تاشقىرى باي ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئىككى يىل ئىچىدە چېكىنىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى

%75 دەرىجىدىن تاشقىرى باي ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئىككى يىل ئىچىدە چېكىنىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى

JPMorgan ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى 700دىن ئارتۇق دەرىجىدىن تاشقىرى بايغا قاراتقان تەكشۈرۈشىدە بايقىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا ئىقتىسادى پۈتۈن سۈرئەت بىلەن ئىگىرىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا %75 دەرىجىدىن تاشقىرى باي 2020-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكا ئىقتىسادىي چېكىنىپ كېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن. ئامېرىكا ئىقتىسادى چېكىنىپ كېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ئادەملەرنىڭ تەخمىنەن %21تى چېكىنىش 2019-يىلىدىن باشلىنىدۇ، دەپ قارايدىكەن. قالغان %50 ئادەم بولسا چېكىنىش 2020-يىلىدىن باشلىنىدۇ، دەپ قارايدىكەن. JPMorgan دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق كۆچمە پۇل مۇئامىلە كاپىتالى بار ئادەملەر دەپ بېكىتكەن، بايلارنى بولسا مىليون دوللاردىن ئارتۇق كاپىتالى بارلار دەپ بېكىتكەن. بۇ سەل ئوخشىمايدىغان مۆلچەر بەزىلەرگە غەيرىي تۇيۇلۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئامېرىكا نۆۋەتتە كۈچلۈك ئېشىش، كارخانا تاپاۋەت قىلىش ۋە 17 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئىشسىزلىق ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ 2018-يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى %2.9كە ئۆرلەتتى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

2017-يىللىق ئاسىيا قىتئەسى رىقابەت كۈچى دوكلاتى ئېلان قىلىندى:ختتاي توققۇزىنچى ئورۇندا

پە ئاپرېل 26 , 2018
2017-يىللىق ئاسىيا قىتئەسى رىقابەت كۈچى دوكلاتى ئېلان قىلىندى:جۇڭگو توققۇزىنچى ئورۇندا

You May Like