ئۇلۇغچاتتىكى لاگېردا 10 ئاي قامالغان قىرغىز (خرىستىئان) ئامېرىكىغا ساق-سالامەت يىتىپ كەلدى

ئۇلۇغچاتتىكى لاگېردا 10 ئاي قامالغان قىرغىز (خرىستىئان) ئامېرىكىغا ساق-سالامەت يىتىپ كەلدى

 ئۇلۇغچاتتىكى لاگېردا 10 ئاي قامالغان قىرغىز (خرىستىئان) ئامېرىكىغا ساق-سالامەت يىتىپ كەلدى 

 

تارىم 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 12-ئاپرېل 

ئۇلۇغچاتلىق قىرغىز ئەر ئۇۋالبەگ تۇرداخۇن ۋە ئايالى ئامېرىكىدىكى قانۇنچىلار، ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىۋىسىتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 8- ئاپرېل ئامېرىكىغا سالامەت يىتىپ كەلدى. ئۇۋالبەگ تۇرداخۇن  قىرغىزىستاندا مۇددەتتىن ئۇزۇن تۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن  2018- يىلى 2- ئايدا لاگېرغا تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، 11-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. 

ئۇۋالبەگ تۇرداخۇن لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان ۋە جامائەتكە ئاشكارا تونۇلغان تۇنجى خرىستىئان مۇرىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا سالامەت كېلىشىگە ئامېرىكا قانۇنچىلىرى، ئادۋوكاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىۋىستلىرى كۆپ كۈچ چىقارغان. بولۇپمۇ سېناتور ماركو رۇبىيو ۋە كىرىس سىمىسلار كۆپ ھەسسە قوشقان. ئادۋوكاتلار ئۇۋالبەگنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا خىتاينى ئەرز قىلىشقا گۇۋاھچىلىققا تەكلىپ قىلغان. ئۇۋالبەگنىڭ گۇۋاھچىلىق سالاھىيىتىنىڭ پاكلىقى ۋە ئادىللىقى ئۈچۈن، ئۇۋالبەگگە پاناھلىق ئىقامىتى بېرىلمەيدىكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مۇستەملىكە تارىخىمىزدىكى ئەڭ جەزبىدار ئۇيغۇر رەھبىرى -ئەخمەتجان قاسىمى

جۈ ئاپرېل 15 , 2022
مۇستەملىكە تارىخىمىزدىكى ئەڭ جەزبىدار ئۇيغۇر رەھبىرى -ئەخمەتجان قاسىمى

You May Like