مۇستەملىكە تارىخىمىزدىكى ئەڭ جەزبىدار ئۇيغۇر رەھبىرى -ئەخمەتجان قاسىمى

مۇستەملىكە تارىخىمىزدىكى ئەڭ جەزبىدار ئۇيغۇر رەھبىرى -ئەخمەتجان قاسىمى

  مۇستەملىكە تارىخىمىزدىكى ئەڭ جەزبىدار ئۇيغۇر رەھبىرى -ئەخمەتجان قاسىمى

 

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

 

تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى ھەقىقىي ئۇيغۇر رەھبىرىنىڭ قېچىش يولى يوق، ئۇ شۇ يولدا ئۆلىدۇ ياكى تۈرمىدە يېتىپ ۋەيران بولىدۇ. دۈشمەن يوق يەردە داھىي بولغىلى بولمايدۇ. داھىي خەلق بىلەن بىرگە ۋە خەلق تەرىپىدىن تىكلىنىدۇ.

 

بۈگۈن، مىلادىيە 2022-يىلى، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 108-يىلى. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ زاتنى خاتىرىلەش، ياد ئېتىش، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ئىنقىلابىنى ئەسلەش ھەم شۇ دەۋر ھەققىدە ئەتراپلىق، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ناھايىتى مۇھىم. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھايات غەلىبىسى ۋە ھايات تراگېدىيەسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق غەلىبە شاتلىقى بىلەن مەھكۇملۇق تراگېدىيەسىنىڭ يالدامىسىدۇر ! ئەخمەتجان قاسىمىنى ئەسلەش ۋە ياد ئېتىش ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن ئەڭ ئېچىنغانلار، ئۇنى ئەڭ سېغىنغانلار ۋە بۈگۈن ئۇنى ئەسلىگەنلەرنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئىكەنلىكى كۆرسەتتى.

ئۇنداقتا ئەخمەتجان قاسىمى كىم؟ ئۇ كىمنىڭ دوستى؟ كىمنىڭ رەھبىرى ۋە كىمنىڭ دۈشمىنى ؟

بۇ سوئالغا ئالدى بىلەن خىتاينىڭ بۇرمىلانغان، ساقتىكار تارىخىي ھۆججەتلىرى ۋە باھالىرى ئەمەس ۋە ياكى بۈگۈنكى ئادەملەر ئەمەس ، بەلكى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بىرگە قۇرۇپ، بىرگە كۈرەش قىلغان سەپداشلىرى جاۋاب بەرىشكە ئەڭ لاياقەتلىكتۇر ! دېمەك، بۇ سوئالغا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 5يىللىق كۈرەش سەپدېشى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ پولكوۋنىكى، مىللىي ئارمىيە ئىستىخبارات بۆلۈمى باشلىقى، 1950-1980-يىللاردىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەنلىرىدىن بىرى زىيا سەمەدى ( 1914-2000) ئۆزىنىڭ « « ئەخمەت ئەپەندى» ناملىق بىئوگراپىيەلىك رومانى ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن بولسا، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئەڭ يېقىن سەپدېشى ، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، « ئازادلىق تەشكىلاتى»نىڭ ئەزاسى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە بارلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ پروگراممىلىرىنى تۈزگەن ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ( 1914-2005) ئەپەندىنىڭ ھايات ۋاقتىدا كەمىنە نەبىجان تۇرسۇنغا قالدۇرغان : «ئەخمەتجان قاسىمىدەك قابىل ۋە خەلق سۆيگەن ئۇيغۇر رەھبىرى تېخى يېتىشىپ چىقمدى. مۇنداق داھىيلار بىر قانچە يۈز يىللاردا بىر قېتىم چىقسا كېرەك، مەن پۈتۈن ھاياتىمدا نى-نى ئوغلانلارنى، مانا مەن دېگەن داڭلىق رەھبەرلەرنى كۆردۈم. لېكىن ھازىرغىچە ئەخمەتجاندەك رەھبەرنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. ئەخمەتجاندەك ئاق كۆڭۈل، ساپ نىيەت، راستچىل، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، بىرلا كۆرگەن ئادەمنى ئۆزىگە تارتىۋالالايدىغان، ئىنتايىن بىلىملىك، سىياسىيون، ناتىق، قەيسەر، دۈشمەنگە ئىگىلمەس ، باشقىلار ئۈچۈن ئۆلۈشكە تەييار، خەلقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىغان ۋە ئۆلۈمگە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرالايدىغان، باشقىلار يىغلىمىسۇن، ئازابلانمىسۇن ئۇنىڭ ئورنىغا مەن ئازابلىناي ، مەن يىغلاي دەيدىغان مۇنداق ئىنسان بالىسىنى تېخى مەن كۆرمىدىم» دېگەن سۆزلىرىدىن باشقا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ « ئەخمەتجان ئارىمىزدىكى بىر گۆھەر» دېگەن ئەينى ۋاقىتتا ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان سۆزلىرى ئەڭ كۈچلۈك جاۋابلار بولسا كېرەك.

بىراق ، ئەخمەتجان قاسىمى ھاياتىدا ھېچقاچان ئۆزىنى « مەن داھىي»،« مەن رەھبەر » دەپ ماختىنىپ باقمىغان. ئۇ باشتىن ئاخىرى مەن « خەلقىمنىڭ خىزمەتكارى»لا دېگەن ئىدى. ئۇيغۇر خەلقى يېقىنقى 150 يىللىق تارىخىدا ھېچقاچان بىرەر رەھبەرنى ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆز خوشاللىق ئىختىيارلىرى بىلەن ماشىنىسى بىلەن قوشۇپ كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ باقمىغان، مۇنداق ئالى ھۆرمەت بۇ 150 يىلدا پەقەت بىرلا ئەخمەتجان قاسىمىغا مەنسۇپ بولدى ! ئەخمەتجان قاسىمى ئوخشاشلا تالاشتا قالغان رەھبەر ئىدى.ئەخمەتجان قاسىمىنى خىتاي سىياسىيونلىرى 70 يىل تالىشىپمۇ ئۆزىنىڭ قىلالمىدى !

شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى 1884-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان خىتاي تارىخىدا 1947-يىلى 25-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە 10 مىڭ خىتاي پۇقراسى ۋە ھەربىي-ساقچىلىرى كوچىغا چىقىپ « يوقالسۇن ئەخمەتجان !»، « ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرەيلى» دەپ شوئار توۋلاپ نامايىش قىلىش ۋەقەسى بىرلا قېتىم يۈز بەردى. مۇنداق 10 مىڭ خىتاينىڭ نامايىشچىسىنىڭ « يوقالسۇن ئەخمەتجان »، « ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرەيلى» دېگەندەك چوقان-سۈرەنلىرىگە تېخى بىرەر ئۇيغۇر سازاۋەر بولۇپ باقمىدى.

1878-يىلى يەتتە شەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى يوقىتىلىپ، 1884-يىلى مانجۇ-چىڭ ھاكىمىيىتى ئىشغال قىلىنغان بۇ زېمىننى تىپىك مۇستەملىكە مەنىسىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان- « يېڭى چېگرا»- يەنى « شىنجاڭ» نامى ئاستىدا باشقۇرۇشنى باشلىغاندىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك كۈرەشلىرى تارىخىي مۇساپىسىدە ئۇيغۇر خەلقى ھېچقاچان كۈرەش قىلىشتىن توختاپ قالمىدى. سان ساناقسىز قۇربانلارنى بەردى ۋە غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى ھەم مەغلۇپ بولدى. ئەنە شۇ كۈرەشلەردە كۆپلىگەن خەلق باتۇرلىرى، خەلق يېتەكچىلىرى، قوماندانلار، سىياسىيونلار يېتىشىپ چىقتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قانچىلىغان تەرجىمھاللار توپلىمىنى تۈزۈش مۇمكىن. شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازغىنا كەم بىر يېرىم ئەسىرلىك مۇستەملىكە تارىخى جەريانى ئىنتايىن قىيىن، مۇرەككەپ ئىچكى ۋە تاشقى زىددىيەتلەر، ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقئارالىق مۇناسىۋەت توقۇنۇشلىرى قاتارلىقلارغا دۇچ كەلدى. مانا بۇ مۇرەككەپ كۈرەش مۇساپىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەر، يوللار، نۇقتىنەزەرلەر، ئىدىيەلەر قوللىنىلدى. ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە شۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى -كەينىدىكى دۇنياۋى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتا شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى جەريانىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە قاراپ، كۈرەش ئۇسۇلىنى تاللىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى ۋە يېتەكچىلىك قىلغۇچى رەھبەر ئىدى خالاس!

(داۋامى بار )

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى» قىسىملىرى ئالمۇتادا سلاۋيان يېزىقىدا تارقىتىلىشقا باشلىدى

جۈ ئاپرېل 15 , 2022
دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى» قىسىملىرى ئالمۇتادا سلاۋيان يېزىقىدا تارقىتىلىشقا باشلىدى

You May Like