كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ نىسپىتى دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى

كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ نىسپىتى دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى

 كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ نىسپىتى دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 16-ماي

«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» 15-ماي ئېلان قىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىگە تەۋە كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە مەزكۇر ناھىيەدىكى ھەر 25 كىشىنىڭ بىرى ئاتالمىش «تېررورلۇق» نامىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. ئاخباراتتا دېيىلىشىچە، بۇ ھازىرغا قەدەر دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتتىكى تۇتقۇن قىلىنىش رېكورتىنى ياراتقان.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كونا شەھەر ناھىيەسىدە ئومۇمىي نوپۇس 267 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلار ھەرخىل بەتناملار بىلەن 2 يىلدىن 25 يىلغىچە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. بۇ ئۇيغۇرلار جەمئىيەتنىڭ ھەرخىل قاتلاملىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئەرلەر، ئاياللار، ياشلار ۋە ياشانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئورتاق نۇقتىسى بولسا، پەقەتلا ئۇيغۇر بولغانلىقىدا ئىكەن.

تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات قانىلىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى تۇتقۇنلار تىزىملىكىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاتالمىش «تېررورىزم»، «دىنىي ئاشقۇنلۇق» دېگەندەك باھانە سەۋەبلەر بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. 

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، پەقەت كونا شەھەر ناھىيەسىدىن تۇتۇلۇپ كېتىلگەن كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇس بىلەن بولغان نىسبىتى پۈتۈن ئامېرىكا دۆلىتىنىڭكىدىن 10 ھەسسە ئۈستۈن بولغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس پروگرامما

سە ماي 17 , 2022
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس پروگرامما

You May Like