كونا شەھەر ناھىيەسى ئاتالمىش «تەربىيەلەش» مەركىزىنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، ھەتتا ئېتىۋېتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرى

كونا شەھەر ناھىيەسى ئاتالمىش «تەربىيەلەش» مەركىزىنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، ھەتتا ئېتىۋېتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرى

كونا شەھەر ناھىيەسى ئاتالمىش «تەربىيەلەش» مەركىزىنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، ھەتتا ئېتىۋېتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرى
 
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 25-ماي
 
24-ماي خەلقئارادىكى بىر قانچە نوپۇزلۇق ئاخبارات قاناللىرى بىرلىكتە ئاشكارىلىغان «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپى» نامىدىكى چوڭ تىپتىكى سۈرەتلىك، ۋە يازما ھۆججەت ئارخىپلىرى خىتاي رېجىمنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان يوقىتىش خاراكتېرىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ناھايىتى كەسكىن رەۋىشتە يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.
«ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» مەزكۇر ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ئىچىدىكى ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش مەركىزى نامىدىن چىقىرىلغان « دەرس سۆزلىنىۋاتقان مەزگىلىدىكى غوۋغا چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا دەرستىن قاچقانلارنى بىر تەرەپ قىلىش كۆرسەتمىسى» ۋە «ئېگىزدىن كونترول قىلىش پونكىتىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى ۋە فۇنكسىيەسى» نامىدىكى ئىككى ھۆججەتنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتى. بىرىنچى ھۆججەتنىڭ ئالتىنچى ماددا بەشىنچى تارمىقىدا ئېنىق قىلىپ خىتاي ساقچىلىرىغا ئاتالمىش «بۇيرۇققا» بوي بويسۇنمىغانلارنى بىۋاسىتە ئېتىۋەتسە بولىدۇ دەپ يېزىلغان. ئىككىنچى ھۆججەتتە بولسا جازا لاگېرىدىكى ئېگىزدىن كۆزىتىش مۇنارلىرىدا كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان ئەسكەرلەرنىڭ قورال ياراغ سەپلىمىلىرى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئارمان
 
بىرىنچى ھۆججەت: دەرس سۆزلىنىۋاتقان مەزگىلىدىكى غوۋغا چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا دەرستىن قاچقانلارنى بىر تەرەپ قىلىش كۆرسەتمىسى
بىرىنچى، ۋەقە يۈز بەرگەن سىنىپنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل خادىملار دەرھال شۇ قەۋەتتىكى ئامانلىق ساقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋە شۇ بىناغا مەسئۇل كادىرلارغا ئۇچۇر يەتكۈزۈشى لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارلىق كادىرلار بىلەن بىرلىكتە «ئوقۇتۇش خادىملىرى رايونى» غا چېكىنىشى لازىم.
ئىككىنچى، قەۋەتنىڭ ئامانلىق ساقلاش گۇرۇپپا باشلىقى دەرھال شۇ قەۋەتتىكى ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملارنى تەشكىللەپ بارلىق ئىشىكلەرنى تاقىشى، قالغان ئامانلىق ساقلىغۇچى كۈچلىرىنى تەشكىللەپ «ئوقۇتۇش خادىملىرى رايونى» تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامانلىق ساقلاش باشلىقىغا مەلۇم قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىش سىستېمىسىنى قوزغىتىش لازىم.
ئۈچىنچى، كارىدور باشلىقلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بىنا ئىچىدىكى كادىرلارنى يېتەكلەپ بىخەتەر رايونلارغا چېكىنىش خىزمىتىنى ئىشلىشى كېرەك، شۇنداقلا سىنلىق كۆزىتىش سىستېمىسى ئارقىلىق باشقا «ئوقۇغۇچى»لارنى ئاۋازلىق كونترول قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. (قورال ئىشلەتمەي دېمەكچى)
تۆتىنچى، ئامانلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن:
1. « كونا شەھەر ناھىيەسى تېخنىكىلىق تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ دەرس جەريانىدا غوۋغا چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قاچقانلارنى بىرتەرەپ قىلىش پروگراممىسىنى» نى قوزغىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالدىنئالا بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى قوزغىتىشى كېرەك؛
2. ساقچى، ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل نۆۋەتچى كادىر دەرھال مەكتەپتە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسمى، SF30 -نومۇرلۇق ساقچى پونكىتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك؛
3. دەرۋازىغا مەسئۇل خادىملارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بارلىق ئىشىك دەرۋازىلارنى دەرھال تاقىشى كېرەك، ئايرىش رايونىنى قۇرۇپ چىقىپ سىرتتىن كەلگەن، مۇناسىۋەتسىز خادىملارنىڭ نەق مەيدانغا يېقىنلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك؛
بەشىنچى، مەركەزنىڭ نۆۋەتچى كادىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن:
1. نەق مەيدانغا بېرىپ ئاساسلىق ئەھۋالنى ئىگىلىشى كېرەك؛
2. ئەھۋالنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن ناھىيەلىك پارتكوم سېكرېتارى، سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى ۋە ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرىغا ئەھۋالدىن قىسقىچە دوكلات بېرىشى كېرەك؛
3. نۆۋەتچى كادىر كۆزىتىش باش زالىغا بېرىپ ۋەقەنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن ۋاقىتلىق رەھبەرلىك قىلىشى ۋە كۆزىتىش خىزمىتىنى ئۆتۈشى كېرەك؛
ئالتىنچى. زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن:
1.زەربە بېرىش مەركىزىدىكى خادىملار دەرھال تەشكىللىنىپ ۋەقە يۈز بەرگەن بىناغا يېتىپ بېرىشى، ۋە نەق مەيدان ئەھۋالىدىن دەرھال دوكلات بېرىشى كېرەك. شۇنداقلا بىنادىكى خىزمەتچى خادىملارغا بۇيرۇش چۈشۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئۆز ياتاقلىرىغا قايتىپ ئىشىكلىرىنىڭ مەھكەم تاقىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛
2.زەربە بېرىش مەركىزىدىكى خادىملار ئىش تېرىغۇچىلارغا ياكى قاچماقچى بولغان كىشىلەرگە ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى، ھەم ئۇلارغا ئىككى قولىنى بېشىغا قويۇپ تامغا قاراپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشىغا بۇيرۇق قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەۋەتنىڭ ئامانلىق خادىملىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئايرىش ئىشىكلىرىنى ئاچقۇزۇشى كېرەك؛
3. قوراللىق ساقچى قىسىم زەربىدار ئەترىتى دەرھال ۋەقە يۈز بەرگەن بىنانىڭ ئەتراپىنى قورشاپ ئايرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يولغا توسۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛
4. SF30- نومۇرلۇق ساقچى پونكىتىدىكى خادىملار مەركەز دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى رايونلارنى ئايرىپ كونترول قىلىشى ۋە يوللارغا توسۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛
5. «ئوقۇغۇچىلار» ئەگەر بۇيرۇققا بويسۇنمىسا قولىدا قورالى بار ساقچى خادىملىرى ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى چىقارسا بولىدۇ. ئەگەر بۇيرۇققا بويسۇنماي ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرگۈچىلەر، شۇنداقلا قاچماقچى بولغان ياكى قورالغا ئېسىلىپ تارتىۋالماقچى بولغانلار بولسا دەرھال ئېتىۋېتىش كېرەك؛
6. باشقا قەۋەتتىكى ياكى بىنادىكى ئامانلىق خادىملىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن دەرھال ئادەم تەشكىللەپ بارلىق بىخەتەرلىك ئىشىكلىرىنى مەھكەم تاقاپ تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇشى كېرەك، كادىرلار بولسا «ئوقۇغۇچىلار» نى ئاۋازلىق (قورال ئىشلەتمەي دېمەكچى) كونترول قىلىپ تۇرۇشى كېرەك؛
7. دوختۇرلار ھەر ۋاقىت يارىدارلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تەييار تۇرۇشى كېرەك؛
8. ۋەقە بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن بىنا كادىرلىرى «ئوقۇغۇچىلار»غا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ ئۇلارنى تېنچلاندۇرۇشى كېرەك؛
يەتتىنچى، زەربە بېرىش ئەترىتىدىكىلەر ئىش تېرىغۇچى ياكى قاچماقچى بولغانلارنى تۇتۇپ ئايرىشى، ۋە ئۇلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا سوراق قىلىشى ئۈچۈن تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛
سەككىزىنچى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى قاچماقچى بولغان «ئوقۇغۇچىلار»نى ئايرىپ سوراق قىلىشى كېرەك؛
توققۇزىنچى، ئىدىيەۋى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، تۇتقۇنلارنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشى كېرەك، بۇ ئارقىلىق مەكتەپنىڭ بىخەتەر، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛
ئونىنچى، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ ، ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ، سەۋەبى ۋە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش، ۋە جامائەت پىكىرىنى كونترول قىلىش كېرەك؛
ئون بىرىنچى، تەدبىرلەرنى قايتا تۈزۈملەشتۈرۈپ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛
————————————————————————–
ئىككىنچى ھۆججەت: ئېگىزدىن كونترول قىلىش پونكىتىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى ۋە فۇنكسىيەسى
بىرىنچى، ئېگىزدىن كونترول قىلىش پونكىتىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى
نورمال شارائىتتا: بىرىنچىدىن، مەكتەپ ھويلىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېگىزدىن كۆزىتىش ۋە چارلاش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن «ئوقۇغۇچىلار»نىڭ دەرس ئارىلىقىدىكى ئەھۋالىنى ئېگىزدىن كونترول قىلىپ كۆزىتىشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن قورال-ياراغلارنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىش دەپتىرى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەدۋىلى قاتارلىقلارنىڭ تىزىملاش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئورۇندىشى كېرەك؛
ئەھۋال يۈز بەرگەن ياكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان شارائىتتا: بىرىنچىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تېزدىن دوكلات بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن زەربە بېرىش ئەترىتى ۋە چوڭ دەرۋازا تەرەپكە ئېگىزدىن ئوت كۈچى بىلەن ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تېررورچى ئۇنسۇرلارنى ئوت كۈچى ئارقىلىق باستۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىشى كېرەك؛
ئىككىنچى، خىزمەت فۇنكسىيەسى
1. خىزمەت ھالىتى: ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئالاھىدە ساقچى جەمئىي 6 نەپەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەر ئىككىدىن ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ چارلاش ئېلىپ بارىدۇ، ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ خىزمەت ۋاقتى 6 سائەت؛
2. نۆۋەتچى خادىملارنىڭ قورال ياراش سەپلىنىشى: نۆۋەتچى خادىملار چوقۇم ئورتاق فورما ۋە پىچاقتىن قوغدىنىش كىيىمى كىيىشى شەرت. ئۇلارغا ئاپتومات ۋە 88 تىپلىق قارغا ئېلىش مىلتىقى سەپلىنىشى كېرەك؛
3. خىزمەت دائىرىسى: ئېگىزدىكى نۇقتىلاردا نۆۋەتچىلىك خىزمىتىنى ئۆتەيدىغان خادىملار ئاپتومات ۋە 88 تىپلىق مىلتىقلار بىلەن قوراللىنىپ چارلاش رايونىدا مەكتەپ رايونى ۋە ئايرىش رايونلىرىنى كۆزىتىپ چارلاش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ. رەھبەر، مانېۋىر يېتەكچىسى، تۇيۇقسىز ۋەقە يۈز بەرگەندىكى يېتەكچى كادىر قاتارلىقلارنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇپ ئوت كۈچى ئارقىلىق ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ؛
4. نۆۋەتچىلىك كونكرېت خىزمەت تەرتىپلىرى: بىرىنچىدىن، نۆۋەتچى خادىملار ئورتاق بولغان جەڭ كىيىمىنى كىيىپ، ئاپتومات ۋە 88 تىپلىق مىلتىقلار بىلەن قوراللىنىپ ئاساسلىقى A,B,C,D ئوقۇتۇش رايونلىرى، مەركىزى ئوقۇتۇش بىناسىنى نىشان قىلغان ئاساستا چارلاش خىزمىتىنى ئىشلەش كېرەك، ھەر ئىككى نۆۋەتچى خادىم ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىمدىن ئالمىشىپ چارلاپ، ئەھۋاللارنى بايقىغان ھامان ئۆزئارا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئالتە سائەتتىن كېيىن خىزمەتلەرنى تاپشۇرۇشى لازىم، گۇرۇپپا باشلىقى سىمسىز ئالاقە ئاپپاراتى ئارقىلىق خىزمەتچى خادىملارغا ئالمىشىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈشى لازىم، ئالماشقان خادىملار مۇناسىۋەتلىك تىزىملىتىش جەدۋەللىرىنى تولدۇرۇشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن خىزمەت تاپشۇرۇۋالغان خادىملار چوقۇم ئالدىنقى نۆۋەتچىلىكتىكى خاتىرىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى، قورال-ياراغلارنىڭ زاپىسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشى كېرەك، بارلىق تەكشۈرۈشلەر تۈگىگەندىن كېيىن نۆۋەتچىلىك خىزمىتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى شەرت؛

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدىكى «كۇرسانت» لارنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش قائىدىلىرى

چا ماي 25 , 2022
ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدىكى «كۇرسانت» لارنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش قائىدىلىرى

You May Like