ئۇيغۇر قىزى كامىلە ۋېچەتتە نامايىش ۋىدىئوسىنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان
ئۇيغۇر يۈرەك، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 9-ئيۇن
ئېقتسادشۇناس ژۇرنىلى ۋە ئەنگىلىيە مۇھاپىزەتچى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ختاي تاشقى ئشلار منستىرى مۇخبىرلارغا 19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى كامىلەنىڭ ئاتالمىش «رادىكاللىقنى تەشۋىق قىلىش»قىلمىشى ئۈچۈن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان، قانچە يىل كېسلگەنلىكىنى خەۋەر قىلمىغان.
كامىلە -2022-يىلى نويابىردا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈش ۋەقەسدىن كىين قوزغالغان نامايىش ھەققىدىكى بىر قسقا ۋىدىئونى ئۆزىنىڭن ۋېچەت ھسابىغا چىقارغانىكەن.
ختاي دائىرلىرى ختاينىڭ خېنەن ئۆلكسىدە يەسلى مائارىپى بويىچە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ 19-دىكابىر خېنەندىن ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەندىن كىين تۇتقۇن قىلىنغان ۋە بۇ يىل ئۈچىنچى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئۇ بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
كامىلە 2017-يىلىدىن 2019-يىلغىچە ئۈرۈمچىدە يالغۇز تۇرغان بولۇپ، دادىسىى لاگىرغا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كىين ، ئۇ روھى جەھەتتە ئىغىر زەربىگە ئۇچرىغان ئىكەن.ئۇنىڭ ئاكىسى قەيسەر ۋاھىت ئامېرىكىدىكى بىر ئىنجىنىر بولۇپ، ئۇ يىللاردىن بىرى ئۇرۇق–تۇققانلىرى دۇچ كەلگەن مەسللەر ھەققىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن ۋە سىڭلىسى دۇچ كەلگەن بۇ قسمەتلەرنى خەلقئارا تاراتقۇلارغا بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىكەن.