ئادرىئان زەنز باشچىلىقىدا كوممۇنىزم خاتىرە فوندىدىن يېڭى نەتىجە

ئادرىئان زەنز باشچىلىقىدا كوممۇنىزم خاتىرە فوندىدىن يېڭى نەتىجە: 5 مىليون سانلىق مەلۇمات ۋە 730،00 شەخسى ئۇچۇر كىرگۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر سانلىق مەلۇمات ئىزدەش ئامبىرىنى ئېلان قىلدى

 ئادرىئان زەنز باشچىلىقىدا كوممۇنىزم خاتىرە فوندىدىن يېڭى نەتىجە

ئادرىئان زەنز باشچىلىقىدا كوممۇنىزم خاتىرە فوندىدىن يېڭى نەتىجە: 5 مىليون سانلىق مەلۇمات ۋە 730،00 شەخسى ئۇچۇر كىرگۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر سانلىق مەلۇمات ئىزدەش ئامبىرىنى ئېلان قىلدى 
 
كوممۇنىزم خاتىرە فوندى جەمئىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى» نامىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇلارنى تۇنجى قېتىم 2022-يىلى 5-ئايدا ئېلان قىلغان. بۇ قېتىم مەزكۇر ئورگان بۇنىڭ ئىچىدىكى تۈرمە، لاگېر ۋە قۇللۇق ئەمگەك ئورۇنلىرىغا تۇتۇلغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان جەمئىي 730000 كىشىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى رەتلەپ چىققان.  بۇنىڭ ئىچىدىكى 700 مىڭدىن ئارتۇق شەخسنىڭ كۆپىنچىسى كونا شەھەر ۋە تېكەس ناھىيەسىدىن كەلگەن. ئەمما باشقا 9 ناھىيەگە تەۋە 10،000 دىن ئارتۇق ئادەم بار.  جەمئىي 48 ناھىيەگە تەۋە كىشىلەرنىڭ خام ماتېرىياللىرى بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن. 

كوممۇنىزم خاتىرە فوندىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز مۇنداق دەيدۇ: « شۇڭا بىز بۇ ئۇچۇرلارنى رەتلەپ تەمىنلەشنى ئويلاشتۇق، چۈنكى ئۇيغۇر ۋە قازاق دىئاسپوراسى يېقىنلىرى ھەققىدە ھەر قانداق ئۇچۇرغا ئېرىشىشكە تەشنا. بۇ خىزمەتنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى. مەن ئۇنىڭغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسىدىن مىننەتدار. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھارماي-تالماي تۆھپە قوشقان مەسيۇۋ روبېرتسونغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمەن.»

ئادرىئاننىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، ئىزدەش نەتىجىسى  يەنە6000 دىن كۆپرەك كىشىلەرنىڭ   مۇناسىۋەتلىك  رەسىملىرىنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئۇچۇرى كىرگۈزۈلگەن ھەر قانداق ئادەم 18 خانلىق خىتاي كىملىك نومۇرى ياكى ئىسىملارنىڭ خىتايچە يېزىلىشى ئارقىلىق ئىزدەپ تاپالايدىكەن ھەم ئىزدەش نەتىجىلىرىنى ناھىيە تەۋەلىكى ئارقىلىق تۈرگە ئايرىغىلى بولىدىكەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلار كۆپىنچە 2017-ۋە 2018-يىللىرىغا تەۋە بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ يېڭى ھۆججەتلەر 2018-يىلى 12-ئاينىڭ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىزدەش قورالىدىن پايدىلىنىپ بىر شەخسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئىزدىگەندە يەنە بىر دىققەت قىلىدىغان نۇقتا ئەگەر ئىسىم (يەنى ئىسىمنىڭ خىتايچە يېزىلىشى) ئارقىلىق ئىزدىگەندە نورمالدا كىملىكتە يېزىلىدىغان ئىسىم ۋە فامىلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېكىتنى چىقىرىۋېتىپ ئىزدەش كېرەككەن. 

باشقا تەشكىلاتلار قۇرغان باشقا بىر قىسىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بار. مەسىلەن «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» ۋە «شاھىت بىز شىنجاڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» . ئادرىئان سۆزىدە بۇ قېتىم يېڭى ئېلان قىلىنغان  ئىزدەش سانلىق ئامبىرىنىڭ ئاللىقاچان بار بولغان بۇ ئىككى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا تولۇقلاش رولىنى ئوينايدىغانلىقى ئېيتقان. 

ئىزدەش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە

1. ئاۋۋال بۇ ئادرېسقا كىرىڭ: 

https://www.xinjiangpolicefiles.org/person_search/

2. بىۋاسىتە ياكى ئۈستىدىكى تور ئادرېسى ئارقىلىق بۇنىڭغا كىرىپ ئىزدەڭ:

https://xpfps.xyz/ 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىدىكى سودا سوممىسى ئېشىپ يېڭى رېكورت ياراتقان

جۈ فېۋرال 10 , 2023
ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىدىكى سودا سوممىسى ئېشىپ يېڭى رېكورت ياراتقان

You May Like